كېرىيە ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى رەئىسى: قانۇن بويىچە 45 كۈنلۈك ھامىلىنىمۇ چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.01.09
pilanliq-tughut-305.png خىتايدا كۆپ ئۇچرايدىغان پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتلىرى
AFP

بىز كېرىيەدە دوختۇرخانىدىن قاچقان مەتقۇربان نۇرىنىڭ ئايالىنىڭ دوختۇرخانىغا قايتا ئاپىرىلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى كوچا خەۋەرلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يېزىلىق ۋە ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە تېلېفون قىلىپ، ھامىلە چۈشۈرۈش ھەققىدە كېرىيەدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېنىق بەلگىلىمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇچ نەپەر رەئىسنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەقتە بەلگىلىمە ھەر خىل، چۈشىنىشىمۇ ھەرخىل، ئىجرا قىلىش ئۆز بېشىمچە. شۇڭا ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى رەئىسى، گەرچە قانۇن بويىچە 45 كۈنلۈك ھامىلىنى چۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئارىش يېزىسىدا 6 نەپەر ھامىلىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق بەرگەن يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى سۇن جىبىڭنىڭ قىلمىشىنى خاتا دېيەلمىدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.