قاراقاشتا يۈز بەرگەن 7 نەپەر خىتاي ئىشچىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.07.09
yusup-exmet-qadir-305.jpg تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىككىسى يۈسۈپ ئەخمەتقادىر(سول) ۋە مەمەتئېلى تۇرسۇننىياز.
http://uy.ts.cn

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونلۇق ج خ نازارىتى يېقىندا 11 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئۈستىدىن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا، بۇلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ قاراقاش دەرياسىنىڭ سۇ توسمىسىنى ياساۋاتقان ئىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ؛ ئەمما، ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى ۋە قانچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ ۋەقەنىڭمۇ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، خوتەننىڭ خانئېرىق يېزىسىدىن بولغان 7 نەپەر پىدائىي، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە قاراقاش دەرياسىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ 5 نەپىرىنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرگەن ۋە 4 نەپىرىنى يارىلاندۇرغان؛ يارىدارلاردىن 2 نەپىرى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن. تۆۋەندە بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى تۇتۇشقا بىۋاسىتە ھەمكارلاشقان بىر كەنت پارتكوم سېكرېتارىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.

سېكرېتار: يېقىندا ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى كەپتىكەن، ئالايىتەن مەن بىلەن سۆھبەتلەشكىلى، «دېھقاننىڭ ناھىيىلىك پارتكومغا نېمە پىكرى بار ، نېمە تەلىپى بار، مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بېرىپ باقساڭ» دەيدۇ. مەن ئۇنىڭغا «دېھقاننىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمىتى بولسا باركى، باشقا گېپى يوق، بىر تەلىپى مۇشۇ نۆۋەتتىكى دېلونى تېزرەك پاش قىلىپ، بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى بىر ئارامىغا چۈشۈرۈپ قويسىكىن دەيدىغان تەلىپى بار» دېۋىدىم كۈلۈپ كەتتى ئۇ.
مۇخبىر: بۇ دېلومۇ سىلەرنىڭ خانئېرىقتا يۈز بەرگەنمۇ؟
سېكرېتار: يوقسۇ. قاتىللىق دېلوسى قاراقاشتا يۈز بەرگەن؛ ئەمما جىنايەت گۇماندارلىرى خانئېرىق تەرەپكە قاراپ قېچىپتىكەن، تەكشۈرۈش مۇشۇ تەرەپتە بولدى ئاساسلىقى.
مۇخبىر: بۇ ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى قانداق؟
سېكرېتار: قاراقاش دەرياسىنىڭ سۇ توسمىسنى ياساۋاتقان خەنزۇ يولداشلار ئىكەن ئۇلار؛ جىنايەت گۇماندارلىرى شۇ خەنزۇ ئىشلەمچىلەردىن 9 نەپىرىگە زىيان -زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ. (جىنايەت گۇماندارلىرى) ۋەقەنى سادىر قىلىپ بولۇپ، دەريانىڭ بۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ خانئېرىق تەرەپكە قاراپ قېچىپتىكەن. تەكشۈرۈش داۋامىدا گۇماندارلار خانئېرىقتىكى 4 كەنتتىن بولۇپ چىقتى.
مۇخبىر: گۇماندارلار خەنزۇ ئىشچىلارغا نېمە بىلەن ھۇجۇم قىپتۇ؟
سېكرېتار: پىچاق بىلەن، 55 سانتىمېتىرلىق بىر پىچىقى(قىڭغىراق) يولدا چۈشۈپ قالغان ئىكەن؛ (ساقچىلار) بىزگە كۆرسەتتى؛ قارىساق تۆمۈرچى ياسىغان پىچاق ئەمەس، باشقا ئىشلارغا(تۇرمۇشقا) ئىشلەتكىنى بولىدىغاندەك ئەمەس(ئادەم ئۈلتۈرۈشتىن باشقا).
مۇخبىر: خەنزۇ ئىشچىلاردىن قانچىسى ئۆلۈپتۇ؟
سېكرېتار: بەشى نەق مەيداندا ئۆلۈپتۇ؛ تۆتى يارىدار بولۇپ، يارىداردىن ئىككىسى دوختۇرخانىدا ئۆلۈپتۇ. ئىچكىرىدىن ئىشلەمچىلىككە كەلگەنلەركەن.
مۇخبىر: ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلەلمەپتىمۇ؟
سېكرېتار: ساقچىلار خەۋەر تېپىپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگۈچە 1-2 سائەت ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، ئاڭغىچە گۇماندارلار قېچىپ كېتىپتۇ.
مۇخبىر: نەق مەيداندىكى خەنزۇ ئىشچىلارنىڭ سانى قانچە ئىكەن؟ قارشىلىق كۆرسەرمەپتىمۇ؟
سېكرېتار: يىگىرمە نەچچە چېغى، جاڭپاڭنىڭ(چېدىرنىڭ) ئىچىدە يېتىپتىكەن؛ سەھەردە ئۇشتۇمتۇتلا ھۇجۇمغا ئۇچراپتۇ؛ قارشىلىق كۆرسىتەلمەپتۇ.

مۇخبىر: ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار ئۇ خەنزۇ ئىشچىلار ئارىسىدىكى مەسىلە نېمە ئىكەن؟
سېكرېتار: خەنزۇلار بىلەن مەنلىك تالىشىش؛ مىللەت ئايرىمىچىلىقىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى دەپ ئويلىدىم ئەمدى.
مۇخبىر: يەرلىرى تارتىۋېلىنغان ئىشلار يوقمىكەن؟
سېكرېتار: يوق، يوق، ئۇنداق ئىش يوق. ئىشلىسە مائاشىنى بەرمىگەن دېگەندەك ئەھۋالمۇ يوق.
مۇخبىر: ھۇجۇمچىلارنىڭ سانى قانچە ئىكەن؟
سېكرېتار: يەتتە. 5 نەپىرى تۇتۇلدى، ئىككى نەپىرىنى تېخىچە ئىزدەۋاتىمىز. دېھقانغا بەك ئاۋارىچىلىك بولۇپ كەتتى؛ ئازراقلا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان ياشلار يۈرەكزادە بولۇپ كەتتى) تولا سوراق قىلىنىپ(.
مۇخبىر: گۇماندارلار خانئېرىقنىڭ ئاساسلىق قايسى كەنتىدىن بولۇپ چىقتى؟
سېكرېتار: ئاساسلىقى باي، چاپا؟ تونۇڭ؟ كەنتىدىن بولۇپ چىقتى. (بۇلارنى ئىزدەيمىز) ئاساس قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاغزىغا ئىسسىقراق ئاش كىرمىگىلى ، كېچە-كېچىلەپ ئۇيقۇسىز يۈرۈۋاتقىلى 2-3 ھەپتە بولدى. بۇ قېچىپ يۈرگەنلەرنىڭ ئورنى بايقىلىپ بولدى، ئىسمى تۇراقلىشىپ بولدى، ئەمدى قوغلاپ زەربە بېرىتىمىز دەپ تۇرساق، ئەمدى تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك، بۇ ئىش(خانئېرىق ۋەقەسى) چىقتى. ئىشلار ئاۋۇپ كەتكىنى تۇدىيا-ئەمدى؟!

ج خ نازارىتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋەقەگە چېتىشلىق قېچىپ يۈرگەن ئىككى گۇماندارنىڭ بىرى يۈسۈپ ئەخمەت قادىر، يەنە بىرى مەمتىلى تۇرسۇننىيازدۇر؛ تۇتۇش بۇيرۇقىدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، 25 ۋە 27 ياشقا كىرگەن بۇ ئىككى پىدائىي، خوتەن ناھىيىسىدە بۇ يىل 4-ئاينىڭ 23-كۈنى يۈز بەرگەن، بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككى نەپەر ئامانلىق خادىمىنى پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈپ جەسىتىگە ئوت قويۇۋېتىش ۋەقەسىگىمۇ ئىشتىراك قىلغان. ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.