رابىيخان مۇسا ئانىنى قاخشاتقان ساقچى مەملىكەت بويىچە نەمۇنىچى ساقچى بولۇپ مۇكاپاتلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.05.26
Memliketlik-teqdirlesh-yighinigha-qatnashqan-saqchilar مەملىكەتلىك تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ساقچىلار، 2017-يىلى 19-ماي، ئۈرۈمچى
Photo: RFA

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى19 ‏-ماي كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ھەققىدىكى خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،  ئۆتكەن يىلى پاسپورتى تارتىۋېلىنغان 83 ياشلىق رابىيخان مۇسا ئانىنى قاتتىق قاخشاتقان ۋە ئۇنىڭغا ئېغىر تەھدىت سالغان، بورتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرېھىم يۇنۇسمۇ مەملىكەت بويىچە نەمۇنىچى قەھرىمان بولۇپ مۇكاپاتلانغان. رابىيخان ئانا ئۆتكەن يىلدىن بۇيان رادىيومىزدا قىلغان سۆزلىرىدە، ئابدۇرېھىم يۇنۇسنىڭ ئۇنى ئىشخانىسىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار زوراۋانلىقلىرى ھەققىدە  قاخشاپ شىكايەت قىلغان ئىدى. بۈگۈن ئابدۇرېھىم يۇنۇسنى يېقىندىن تونۇيدىغان بورتالالىق مۇھاجىر، ئابدۇرېھىمنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي مەسىلىلەردە ئۇيغۇرلارنى جازالاشتا خىتاي كۈتكەندىنمۇ ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتايچە شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى بۇ يىل19 ‏-ماي كۈنى مەملىكەت بويىچە نەمۇنىچى قەھرىمانلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ج خ ساھەسىدىن 18 كوللېكتىپ ۋە 17 شەخس مۇكاپاتلانغان.  ئەمما خەۋەرلەردە بۇلارنىڭ  كونكرېت ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە توختالمىغان.  مۇكاپاتلانغانلار تىزىملىكىدە ئاتالمىش نەمۇنىچى قەھرىمانلاردىن بىرى «بۆرتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرېھىم يۇنۇس» دەپ تونۇشتۇرۇلغان. ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ رادىيومىزدا كۆپ قېتىم ئەرز-شىكايەتلىرىنى بايان قىلغان 83 ياشلىق رابىيخان مۇسا ئانا، تارتىۋېلىنغان پاسپورتىنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن بۆرتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا بارغاندا، ئەنە شۇ ئابدۇرېھىم يۇنۇسنىڭ، ئۇنىڭ ئەرزىگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى، ھەتتا ئىشخانىسىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئابدۇرېھىم يەنە، رابىيخان ئانىغا ھەرقانداق يەرگە بېرىپ شىكايەت  قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما رابىيخان ئانا رادىيومىزدا شىكايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان. بىز ئەينى چاغدا ئابدۇرېھىم يۇنۇسقا تېلېفون قىلىپ، بۇ قىلمىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان ئىدۇق، ئۇ سوئالىمىزغا تەپسىلىي جاۋاب بەرمىگەن، ئەمما رابىيخان ئانىغا قىلغان زوراۋانلىقىنى رەتمۇ قىلالمىغان ئىدى.

بىز بۈگۈن، ئەسلى يۇرتى بۆرتالا بولغان، نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان قۇربانجان ئارۇپ ئەپەندىدىن، ئابدۇرېھىم يۇنۇشنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. چەتئەلگە چىققىنى 8 يىل بولغانلىقى ۋە بۆرتالادا 40 يىلدىن ئارتۇق ياشىغانلىقىنى بايان قىلغان قۇربانجان ئەپەندى، ئابدۇرېھىم يۇنۇسنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدە چېقىمچىلىق قىلىش ئارقىلىق ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ۋە قاتتىق زەربە دولقۇنلىرىدا، مىللەتپەۋەر ر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى بايقاش، پاش قىلىش ۋە تۈرمىگە تاشلاش ئارقىلىق مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. قۇربانجان يەنە  ئابدۇرېھىمنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇرېھىم ماشكا دېسە ئۇنى بۆرتالادا ھەممە ئادەم دېگۈدەك تونۇيدۇ».

ئابدۇرېھىم يۇنۇسنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتا ئاكتىپ بولۇش  بىلەن بۈگۈنكى مەرتىۋە ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان قۇربانجان ئەپەندى، ئۇنىڭ قىلمىشلىرىدىن بىرنەچچە  پاكىتلارنى كۆرسىتىپ  ئۆتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا بۆرتالادا ئابلىكىم مۇئەللىم دەپ تونۇلغان بىر كىشى ئايالى ۋە ئىككى پەرزەنتى بىلەن بىرلىكتە دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن قاماققا ئېلىنغان ۋە ئىككى ئايدىن كېيىن قاماقتا جان ئۈزگەن. قۇربانجان ئارۇپنىڭ يۇرتداشلىرىدىن خەۋەر تېپىشىچە، ئابلىكىم مۇئەللىمنىڭ دېلوسىنى ئەنە شۇ ئابدۇرېھىم يۇنۇس تۇرغۇزغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا 83 ياشلىق رابىيخان مۇسا ئانىنى قاخشاتقان، بۆرتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرېھىم يۇنۇسنىڭ خىتاي مەملىكەتلىك ساقچى قەھرىمانى بولۇپ مۇكاپاتلانغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.