ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-09
مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ھەرىكىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ يېقىندا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن.
2014-12-09
تۈركىيەنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى مۇھاممەد بىلال ماجىت باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە چۈشكەن كۈنى خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 13 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.
2014-12-04
دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2015-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتتىكى سەزگۈر ئۇچۇرلارغا قاتتىق چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى ۋە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2014-11-05
خىتاينىڭ يېقىندا ئېچىلغان «جۇڭگو ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى» دۇنيا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش جەمئىيىتى، ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرى كۆچۈرۈشكە قارشى خەلقئارا دوختۇرلار تەشكىلاتى قاتارلار ئورگانلارنىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
2014-11-03
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۆتكەن جۈمە مۇزاكىرىگە قىلغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دا، دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى ئىستىخبارات مەركىزى قۇرۇش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2014-10-23
خىتاي كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمى يىغىنى پەيشەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بارىدىغانلىقى، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سوت، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىل ئىش بېجىرىشىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
2014-10-13
10-ئۆكتەبىر كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئىككى نەپەر پىدائىي گۇما ناھىيەسىدىكى چاسا مېۋە-چېۋە بازىرىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچى خادىمغا پىچاق تىققان. ئۇلار چاسا بازاردىن يىراقلىشىپ، يولدا ياردەمچى ساقچىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن.
2014-09-23
خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۈگۈردە يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن 3 ئورۇندا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى، بۇ پارتلاشلاردا 2 كىشىنىڭ ئۆلۈپ، كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
2014-09-23
خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
2014-09-19
ئۈرۈمچى سوت دائىرىلىرى ئىلھام توختىنىڭ كېيىنكى سوتىنىڭ 23-سېنتەبىر ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئادۋوكاتلار جۈمە كۈنى ئەتىگەن ئىلھام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكىنىدە، ئۇنىڭ پۇتىغا يەنىلا كىشەن سېلىپ قويۇلغان.
2014-09-18
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەيىبلەنگەن سوت 18-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئاياغلاشتى، ئەمما سوت دائىرىلىرى ھۆكۈم ئېلان قىلمىدى.
2014-09-17
دوتسېنت ئىلھام توختى ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھېچقانداق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ياكى چەتئەلدىكى گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەقەت قەغەز ۋە قەلەم بىلەن ئۇيغۇرلارغا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2014-09-16
خىتاي مەتبۇئاتلىرى قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە، مەزكۇر بايرامنى تەبرىكلەپ خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ھاراق ئىچكەنلىكى ۋە ئايتوقاچ يېگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەرنى بەرگەن ئىدى.
2014-09-15
خىتاي ج خ تارماقلىرى ئۇچتۇرپاندا خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا زەنجىرسىمان ھۇجۇم ئېلىپ بارغان 7 نەپەر پىدائىي ھەققىدە رەسىملىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.
2014-09-15
ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرى دائىرىلەردىن سوتنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشىنى ۋە سوتنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىممۇ بۇ سوتقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان.