ئۇيغۇر بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىش ھادىسىلىرى ئېغىرلىماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014.07.15
turannisa-adem-izdesh-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯘﺭﺍﻧﻨﯩﺴﺎﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ. ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ، ﺗﯘﺭﺭﺍﻧﻨﯩﺴﺎﻧﯩﯔ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﯞﺍﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺑﻨﻪﻡ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﻪﺑﻨﻪﻡ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ.
http://bbs.xabnam.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئۈندىدار، چ چ،ۋە مىكروبىلوگلاردا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يوقاپ ​كەتكەنلىكىگە ئائىت ياردەم تەلەپلىرى،ئادەم ئىزدەش ئۇچۇرلىرى يېقىنقى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپەيدى. كۆزەتكۈچىلەر مەكتەپكەر يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن مەزگىللەردە بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۈۆتۈرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كۆپۈنچە ھاللاردا بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىشى،ئاتا - ئانىلارنىڭ بىخەستەلىكى، بولۇپمۇ يېشى كېچىك، ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇش ياكى زوراۋانلىققا نىسبەتەن قوغدىنىش ئېڭى بولمىغانلىقتىن مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارى ھالدا يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئالداپ كېتىلىشى يۈز بېرىدىكەن. شۇڭا ئاتا - ئانا بولغۇچىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە بۇ تۇقتىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈر ئىكەن. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان ئۇچۇرلىرى «​قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟» دەپ ئويلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلىرى ۋە ئاڭلىغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن، ئاز تولا بولسىمۇ ياردىمى بولسا ​ئەجەپ ئەمەس.

يېقىنقى يىللاردا سەبىيلەرنىڭ يوقاپ كېتىشى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ يۈز بېرىدىغان پاجىئەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى شۇنداقلا يۈتكەن بالىلارنىڭ تېپىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولىشى جەمئىيەتتە تېخىمۇ ئەندىشە قوزغايدىغان بىر ئېغىر مەسىلە. بالىسى يوقاپ كەتكەن ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋە باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ھەممە ئادەم تەسەۋۋۇر قىلالىشى مۇمكىن.

نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالا يوقاپ كېتىدىغان ئىش ھەرگىزمۇ بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلمەيدۇ دەپ ئويلايدۇ، ھالبۇكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تارقاتقان بەزى مەنبەلىرىدە كۆرسىتىشىچە خىتايدا يىلدا 200مىڭ ئەتراپىدا بالىلار يوقاپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ تېپىلىش نىسبىتى 0.1% كىمۇ يەتمەيدىكەن، سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدا يۈتكەن بالىلارنىڭ تېپىلىش نىسبىتى 97.6%كە يېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن خىتايدا بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، قانۇن جەمئىيەت، ۋە مەكتەپ ھەمدە ئائىلە تەربىيىسىدىمۇ زور يوچۇق بارلىقىنى، بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ھەمدە ئادەم ئەتكەستچىلىرىگە زەربە بېرىشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يوقاپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ يېقىندىن بۇيان نېمە ئۈچۈن كۆپ كۆرۈلىۋاتقانلىقى ھەققىدە، شىنجاڭ ئادەم ئىزدەش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇمۇ ئوخشاشلا بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بولۇپمۇ بالىلار تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيان ئۈندىدار، چ چ،ۋە مىكروبىلوگلاردا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىگە ئائىت ياردەم تەلەپلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

زادى قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ بۇ ئۇيغۇرلار جىددىي شۇنداقلا ئورتاق كۆڭۈل بولىۋاتقان نۇقتىنىڭ بىرى، بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان نۇرئەلى ئۆزى توپلىغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ كېتىشى ياكى يۈتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۇچراۋاتقان بۇ خىل بەختسىزلىكىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن بارلىق ئاتا - ئانا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئامان - ئىسەنلىكى، ئائىلىلەرنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئىشلارغا دىققەت قىلىشى ۋە بالىلارغا ئۆزىنى قوغداش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى :

نۇر ئەلى يۈتكەن بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئوخشاش قىسمەتكە ئۇچرىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ بىر ئارىغا كېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي تەدبىر ئېلىشىنى، قانۇنىي يوللار ئارقىلىق تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بۇنىڭ ئۈچۈن بىرلىكتە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى، پايدىلانغىلى بولىدىغانلا چارە - تەدبىرلەردىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.