خوتەن تۇساللادا قېچىپ يۈرگەن ئۇيغۇر قاچقۇننىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.08.26
pidaiy-qarshiliq-xoten-qoral.jpg 7 خىتاي ساقچىسىنى ئېتىپ قاچقان، ئەخمەت توختى خۇدابەردىنى تۇتۇش توغرىلىق يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇش. 2015-يىلى ئاۋغۇست، خوتەن.
Social Media

تۈنۈگۈن، خوتەن تۇساللادىكى تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بىر يەرلىك كادىر رادىئومىزغا مەزكۇر يېزىدىكى سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ تۇتۇش ئوبيېكتى - ئەخمەت خۇدابەردىنىڭ ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ قاچقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خوتەن تۇساللا يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە پارتكومنىڭ 20‏-ئاۋغۇست چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا، ئەخمەت خۇدابەردى قاچقۇن «جىنايەتچى» دەپ تەرىپلەنگەن، بىراق ئۇنىڭ قانداق «جىنايەت» سادىر قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.

پەقەت تۇتۇش بۇيرۇقىدا قاچقۇننى يوشۇرغانلار، كۆرمەسكە سالغانلار، ياردەم قىلغانلارنىڭ ئېغىر جازالىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، تۇتۇپ بەرگۈچىلەرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۈگۈن، تۇساللالىق بىر دېھقان ئايال ئەخمەت خۇدابەردىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. يەرلىك دائىرىلەر بۇ ئۇچۇرنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن دەلىللەشنى رەت قىلدى.

دېھقان ئايال: بۇ تۇساللا 12-گۇڭشې.

مۇخبىر: تۇساللادىكى دېھقانلار چىقىپ، ئەخمەت خۇدابەردىنى تۇتۇشقا قاتنىشىۋاتقانتىڭلار، قانداق بولدى بۇنىڭ تەرەققىياتى؟ تۇتۇلدىمۇ ئۇ ئادەم؟

دېھقان ئايال: تۇتۇلۇپتۇ. تۈنۈگۈن سائەت 10-11 لەردە تۇتۇلغان چېغى بار. ئاشۇ 26‏-كەنتتە تۇتۇلغان چېغى بار. تۇساللانىڭ 26‏-دادۈيىدە. ئاشۇ يەردە تۇتۇلۇپتۇ. ئاشۇ چازا تەرەپتە تۇتۇلۇپتۇ، دېدى. بىز شۇنداق ئاڭلىدۇق. 26‏-دادۈينىڭ جازا قۇرغان تەرىپىدە تۇتۇپتۇ. 5-6 ئادەم يۈگۈرۈپ بېرىپ تۇتۇۋاپتۇ، دەپ شۇنداق دېدى.

مۇخبىر: قانچىلىك كېلىدۇ ئۇ 26 دادۈي سىلەرگە؟

دېھقان ئايال: قانچىلىك كېلىدىكىن، شۇ 2 بېكەت بارمىكىن. تۈنۈگۈن 10‏-11 لەردە تۇتۇپتىكەن، شۇ چۈشلۈك تاماقنىڭ سەل ئالدىدا. بازارغا سەيگە كەلسەم ھوي تۇتۇلۇپتۇ، چازا ئېچىلىپتۇ، دەپ شۇنداق دېدى. تۇتۇلۇپتىمۇ دېسەم، 26- دادۈيدىن تۇتۇپتۇ، جازىدىن، دەپ شۇنداق دېدى. ئۇنداق گەپنى كوچىلاپ سورىغىلى بولمىغاندىن كېيىن ئادەم، ھە، دەپ يېنىپ كەلدىم.

مۇخبىر: ئۇنى دېھقانلار تۇتۇپتىمۇ ياكى ساقچىلار تۇتۇپتىمۇ، ئاڭلىدىڭىزمۇ قانداق تۇتقانلىقىنى؟

دېھقان ئايال: دېھقانلارنى تۇتۇپتۇ، دەپ شۇنداق دېدىغۇ، شۇ يەرنىڭ سېكرېتارى بىلەن. مەن ئۇكامدىن بەك ئېنىقمۇ سورىمىدىم، نەچچە كۈندىن بۇيان ئىشلەپ، يىغىن بار، دەپ ئاخشام نېكەمدە پەيدا بولغان. بۇنداق گەپنى يۈگۈرۈپلا سورىغىلى بولمايدىكەن. لېكىن دېھقانلار تۇتۇپتۇ، دەپ شۇنداق دېدى.

مۇخبىر: قاچقۇندا قورال بار، دەۋاتاتتى؟

دېھقان ئايال: قورال يوق چىقىپتىمىش. قورال بارمىكەن، دەپ سوراپتى، قورال يوقكەن، دېدى. قاچقاندا قورال باركەن، دېگەن گەپنى ئاڭلىغان. لېكىن قولىدا بىر بىر نەرسە بارمىكەن، دەپتى، ياق، دەپ ئاشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىدىم تالادا.

مۇخبىر: ئۇ نېمە ئىش قىلغان بالىكەن ئۇ؟

دېھقان ئايال: مەن ئېنىق ئۇقمايمەنكەن ئۇنى. سورىساق مۇشۇنداق بىر قاچقۇن قېچىپ كېتىپتىكەن، دەپ ماۋۇ دېھقانلارنى سەپەرۋەر قىلدى. چازا قۇردى. تۈنۈگۈن ئولتۇرساق ھوي تۇتۇلۇپتۇ، چازىنى ئېچىۋېتىپتۇ، دېدى يولغا چىقساق. دېھقانلارنى قويۇپ بېرىپ چازىنى ئېچىۋېتىپتىكەن تۈنۈگۈن. نەدە تۇتۇلۇپتۇ، دېسەك 26 دادۈيدە، دېدى.

مۇخبىر: ئەخمەت خۇدابەردى ئۇ سىلەرنىڭ يېزىدا دېھقانمىتى ياكى ساقچىمىتى؟

دېھقان ئايال: پۇقراكەن بىكار. ساقچى بىر قانداق ئەمەسكەن ئاشۇ بىكار پۇقراكەن. نېمە ئىش قىلغانلىقىنى ئۇقمايدىكەنمەن ئەمدى، نېمە گۇناھ قىلىپ قولغا چۈشۈپ قالغان نېمىدىكىن، تۈرمىدىن قېچىپ كېتىپتىكەن، دەپ شۇنداق دېدى. ئۇنداق گەپنى بەك ئاشكارىلىمايدىغان چېغى ئەينا.

لېكىن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى داۋاملىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. بىز تۇساللا يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلساق، ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى، ئۇنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى«بىز ئۇقمىدۇق» دەپ جاۋاب بەردى.

بىز، «ئەخمەت خۇدابەردىنى تۇتۇلدى، دەيدۇ، راستمۇ بۇ؟ تۈنۈگۈن 26‏-دادۈيدە تۇتۇلدى، دەيدىغۇ» دەپ سورىدۇق. لېكىن ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى، «ئۇنى بىز ئۇقمىدۇق. مەن ئۇقمايدىكەنمەن» دەپ بەردى.

شۇنىڭ بىلەن بىز ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلدۇق. تېلېفوننى ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى ئېلىپ، «نېمە ئىشتىكەن ئۇ، بىز ئۇنى ئۇقمىدۇق. ئۇنى ئىدارىدىن سورىسىڭىز بولىدۇ. مەن ئۇقمىدىم، ئىدارىنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ سورىسىڭىز بولىدۇ. ياق، بىز ئۇقمايمىز ئۇنى» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

بىز يەنە، تۇساللا يېزىسىنىڭ قاراشلىق چىگىلى كەنتىنىڭ كەنت باشلىقى ئەنۋەر مەتتۇرسۇنغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش سوئالنى قويدۇق. بىراق ئۇمۇ «مەن ئۇقمىدىم» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئەنۋەر مەتتۇرسۇن: مەن ئۇقمىدىم ئۇ ئىشنى. مەن ئۇ خەۋەرنى ئۇقماپتىمەن.

تۇساللادىكى تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بىر دېھقان، ئەخمەت خۇدابەردىنىڭ تۇتۇلغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، لېكىن دېھقانلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش بۈگۈن جىمىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېھقان: تۇتۇلغانلىقىنى ئۇقمىدىم. مەن سەپەرۋەرلىككە چىققان. لېكىن توختاپ قالغاندەك قىلىدۇ، چۈنكى ھېچكىم كۆرۈنمەيدۇ. مەن 3كۈننىڭ ئالدىدا چىققان. مەن ئاغرىپ قېلىپ يېنىش كەلگەنتىم. ھازىر ياخشىغۇ ۋەزىيەت. ئۇ بىزنىڭ كەنت بىلەن ماجانىڭ ئارىلىقى 5 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئىلگىرى بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئەخمەت خۇدابەردىنىڭ سوراق جەريانىدا ساقچىنىڭ قورالىنى تارتىۋېلىپ، 7 ساقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.