كەلپىن ناھىيەسىدە 3 يەردە «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» بارلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەلۇم «يىغىۋېلىش لاگېرى» ئالدىدا پوس تۇرۇۋاتقان خىتاي ساقچى.
مەلۇم «يىغىۋېلىش لاگېرى» ئالدىدا پوس تۇرۇۋاتقان خىتاي ساقچى.
BBC

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدە 3 ئورۇندا «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى بارلىقى، بۇلاردىن بىرىنىڭ كەلپىن ناھىيەلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ يېنىدا، يەنە بىرىنىڭ يۈرچى يېزىسىدا ئىكەنلىكى، 10 مىڭ نوپۇسلۇق يۈرچى يېزىسىدىن 2 مىڭ كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتايچە بەيدۇ ئۇچۇر ئامىرىدا خىتاينىڭ 2013 ‏-يىللىق نوپۇس ستاتىستىكىغا ئاساسەن كەلپىن ناھىيەسىدە 49 مىڭ نوپۇس بارلىقى، بۇنىڭ 97 نى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بىز مانا بۇ كىچىك ناھىيەدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ سانى ۋە ئورنى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-جەمئىيەت ۋە ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئەھۋالنى كەلپىن ناھىيەلىك ج خ قوماندانلىق مەركىزىدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما كەلپىندىكى قوماندانلىق مەركىزى ۋە يۈرچى يېزىلىق سىياسىي-قانۇن ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملار بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغىلا ئەمەس، ھەتتا بىزگە تېلېفون ئالاقە ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشنىمۇ رەت قىلدى.

كەلپىن بازارلىق ساقچىخانىنىڭ بىر خادىمى ئۆزى ئىشلەۋاتقان ساقچىخانىنىڭ بازار ئىچىدىكى ھەر ئىككى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يىراق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق كەلپىن بازار ئىچىدە ئىككى ئورۇندا لاگېر بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

يەنە بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا بايان قىلىنىشىچە، كەلپىن ناھىيەسى كەلپىن بازىرى، ئاچال يېزىسى، يۈرچى يېزىسى، گەزلىك يېزىسى ۋە خۇلياڭ يېزىسىدىن ئىبارەت 4 يېزا، بىر بازاردىن تەشكىللەنگەن ئىكەن. بىز بۇ يېزا-بازارلاردىمۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يېزىلىق سىياسىي قانۇن ئىشخانىسى ۋە ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. يۈرچى يېزا ئارائايماق كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى ئۆزىنىڭ كەلپىندىكى ئىككى لاگېردىن خەۋىرى بارلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئىككى لاگېردىن بىرى ناھىيەلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ يېنىدا، يەنە بىرى يۈرچى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېنىدا ئىكەن. كەلپىن بازارلىق ساقچى خادىمىمۇ، كەلپىن بازار ئىچىدىكى ئىككى لاگېردىن بىرىنىڭ قاتناش ئىدارىسىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى.

ماتېريللاردا كۆرسىتىلىشىچە، يۈرچى يېزىسى ئارائايماق، تۆۋەن قۇمئېرىق، يۈرچى، تومئېرىق قاتارلىق 7 كەنتتىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، يېزىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 11 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. ئارائايماق كەنت ئامانلىق مۇدىرى يۈرچى يېزىسىدىن نۆۋەتتە 2000 چە كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

كەلپىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ سەزگۈر بىر مەسىلە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تولىمۇ جىددىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت