مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئافرىقا قىتئەسىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى قانۇنسىز يوللار بىلەن قېزىش قەدىمنى تېزلەتكەن. شۇنىڭ بىلەن گانا قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتاي شىركەتلىرىگە قارىشى بىر خىل ئۆچمەنلىك پەيدا بولغان.
خىتاينىڭ «ئافرىقىغا مەبلەغ سالدۇق» دېگەن باھانىدە نوپۇس يۆتكەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، دۇنيا ئەللىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس كېڭەيمىچىلىكىگە سەل قارىماسلىققا چاقىردى.
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گانا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ قانۇنسىز ئالتۇن قازغان خىتاي ئىشچىلىرىنى قولغا ئالدى.
گانانىڭ قانۇنى بويىچە، پەقەت گانا پۇقرالىرىنىڭلا گانادىكى ئالتۇنلارنى قېزىش رۇخسىتىگە ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بار. ئەمما، خىتاي ئالتۇن قېزىش شىركەتلىرى يەرلىك ئەمەلدارلارغا پارا بېرىپ قانۇنسىز ھالدا ئالتۇن قېزىش رۇخسىتىنى بېجىرگەن. ئۇلار بىرقانچە يىلدىن بېرى گانانىڭ ئالتۇنلىرىنى ئوغرىلىقچە قېزىپ يۇقىرى مىقداردا پايدا ئېلىپ كەلگەن.
خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ بۇ خىل قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى گانا خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. گانا خەلقىنىڭ مەتبۇئاتلاردا بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە گانا پرېزىدېنتى جون درامانى ماھاما 2012 – يىلى ئۆكتەبىردە، ئالاھىدە ئەترەت تەشكىللەپ قانۇنسىز ئالتۇن قازغان لارنىڭ ئىزىغا چۈشۈش بۇيرۇقىنى چىقاردى.
بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ گانا ئەسكەرلىرى خىتاي ئىشچىلارنى، ئىش يەرلىرى، مېھمانخانا ۋە ئولتۇراق ئۆيلەردىن تەكشۈرۈپ قوغلاشقا باشلىدى. ئۆتكەن ھەپتە قانۇنسىز ئالتۇن قازغانلىق سەۋەبى بىلەن قولغا ئېلىنغان 169 خىتاي ئىشچىسى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇلدى.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتايلارنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنىڭ پەقەت گانا بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتايلاردىكى باشقىلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە ھەق-ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلماسلىق پسىخىكىسى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆز خەلقىگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسىي تۇزۇم ۋە ئىدېئولوگىيە تەربىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە، خىتايلارنىڭ تاشقى دۇنياغا نوپۇس ئارقىلىق كېڭىيىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر زېمىنىغا كېڭىيىش ئەندىزىسى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيا ئەللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس كېڭەيمىچىلىكىگە سەل قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.