«خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى» ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى بىرلىكسەپ خىزمىتى، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئامېرىكىدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى» سەرلەۋھىلىك دوكلات.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى» ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى بىرلىكسەپ خىزمىتى، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئامېرىكىدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى» سەرلەۋھىلىك دوكلات.
uscc.gov

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى «خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى بىرلىكسەپ خىزمىتى، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئامېرىكىدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى» سەرلەۋھىلىك دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز بېسىم سىياسىتىنى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىگە كېڭەيتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە دىققەت تارتتى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى خىتاي كومپارتىيەسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بولغان ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىتى ۋە ھاكىمىيىتىگە قارشى تەھدىت پەيدا قىلغۇسى مەنبەلەرنى يوقىتىش ۋە ياكى ئۇنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەم مۇشۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تەرتىپكە سالىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەت دائىرىسى ھەم خىتاي ئىچى ھەم چەتئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ ئورگان 4 بۆلۈم ۋە 9 ئىشخانىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاز سانلىق مىللەتلەر، خىتايدىكى رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان ئەمما كوممۇنىست بولمىغان پارتىيە ۋە قۇرۇلۇشلار ھەم چەتئەللەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنى كونترول قىلىشقا مەسئۇل ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان 9-ئىشخانىسى مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۈچۈن قۇرۇلغان گۇرۇپپا بولۇپ، «شىنجاڭ ئىشخانىسى» دەپ ئاتالغان بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بۆلگۈنچىلىككە قاتتىق زەربە بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

دوكلاتتا «خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشانغا ئېلىپ، ئەگەر ئۇلار خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلمىسا ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا يوللاش ۋە ئۇلارنى شۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن تەھدىت سالماقتا،» دېيىلگەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇنداق تەھدىت سېلىشتىكى مەقسىتى «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى يىغىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنى غەربتىن سوۋۇتۇش شۇنداقلا ئۇلارنى قورقۇتۇپ، خىتايغا قارشى سۆز قىلىشتىن توسۇشتۇر» دېيىلگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ مەسىلىنىڭ ھازىرقىدەك بىر مەزگىلدە يورۇتۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى بېسىملىرىغا ئۇچراپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىش، ئۇلار ئۈستىدىن ئىشپىيونلۇق قىلىشقا سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللاندى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم دوكلات تەييارلىغان. ئەمما ھازىرقىدەك بىر شارائىتتا بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى بىر ئورگان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. بۇ ۋاقىت جەھەتتىن ئالغاندا دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرغان ئەمما ئۇنى چەتئەللەردە باشقا شەكىلدە تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر شارائىتتا مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ قانداق بىر مەقسەت بىلەن قۇرۇلغان ئورگان ئىكەنلىكىنىڭ يورۇتۇلغانلىقى مەنچە ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن» دېدى.

بۈگۈن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قارمىقىدىكى بۇ ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى كارولىن بارسولومىۋ رادىيومىزغا بەرگەن يازما باياناتىدا 9-گۇرۇپپىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ۋە رايوندا كومپارتىيەگە بولغان ساداقەتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ باياناتىدا يەنە، ب د ت نىڭ يېقىندا چاقىرىلغان ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى «شىنجاڭ ئىشخانىسى» نىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇ ليەنخېنىڭ ئاساسلىق سۆز قىلغۇچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىمۇ مەزكۇر ئورگاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلەرنى باشقۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنىڭ بىر نامايەندىسى، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ باياناتىدا ئەسكەرتىپ :«بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى ھەم شۇنداقلا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىشى، ئامېرىكىدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى قاتارلىق مىساللار خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ خاراكتېرىنى ۋە ئۇنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەرمەكتە» دېگەن.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن بۇيان خىتاينىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ ئورگاننى قاتتىق كۈچەيتكەن، جۈملىدىن ئۇلار خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆكتىچى پىكىر ۋە مەنبەلەرنى يوقىتىش، پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈش، ئۆكتىچى پىكىرلەرنى ياكى پىكىرلىكلەرنى يالغۇز قويۇش، ئۇلارنى ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇش، چەتئەللەردىكى جامائەت پىكىر ئېقىمىنى ئۆزگەرتىش، سىڭىپ كىرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان ۋە ئۇنىڭدا بەلگىلىك غەلىبە قازانغان ئىكەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكىدەك سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئامېرىكىدا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا كىشىلەرنى ئوتتۇرىغا سېلىش، مەتبۇئات تەشۋىقاتى، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى، كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى، شەخسى ئالاقە قاتارلىق تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالغان.

دوكلاتتا يەنە ئامېرىكىدىكى «بازفىد» ناملىق ئاخبارات ئورنىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ سابىق مەسئۇلى مېگا راجاگوپالاننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئۇ خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىشىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى يوشۇرۇنچە بىر تەرەپ قىلىشتەك بىرلىكسەپ ئىستراتېگىيەسىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھېنرىي شاجېسكى سۆزىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي بىخەتەرلىك كومىتېتى» نىڭ ئادەتتە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئەمەس بەلكى خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلايدىغان بىر ئورگانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇ بۇ ئورگاننىڭ يۇقىرىدىكى بۇ دوكلاتىنى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە « يۇقىرىدىكى بۇ دوكلات بۇ ئورگان تەرىپىدىن تەييارلانغان ئۆزگىچە بىر دوكلات دەپ قاراشقا بولىدۇ. دوكلاتتا ئېنىق قىلىپ خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ پائالىيەتلىرى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ كۆرسىتىلدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىغا يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ بېسىم ئىشلىتىشى ئامېرىكا ئۈچۈن جىددىي بىر مەسىلە. مەنچە بۇ دوكلاتمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە بىز بۇنىڭدىن بىر ئەمەلىي تەدبىر بىلەن نەتىجىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت