چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ساقچىلارنىڭ قايتىپ كېلىش تەھدىتلىرىگە ئۇچرىماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مىسىردىكى مەلۇم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ پاسپورتىدىكى مىسىر ۋىزىسى.
مىسىردىكى مەلۇم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ پاسپورتىدىكى مىسىر ۋىزىسى.
Social Media

ھازىر ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە ئوقۇۋاتقان بىرەيلەن رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، يۇرتىدىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى يۇرتىغا قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئاۋۋال ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون قىلغۇزۇپ، بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە قايتىپ بېرىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ ئاتا-ئانىسىغا دەرسنىڭ ئالدىراشلىقى ۋە زور ئىقتىسادىي بېسىم بولغان يول كىراسى سەۋەبلىك بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە ئۇلارنى يوقلاشقا بارالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى تېلېفوندىن ئۇنىڭغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ، قىشلىق تەتىلدە كېلەلمەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل يازلىق تەتىلدە چوقۇم قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر قايتىپ كەلمىسە ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت قىلغان.

رادىيومىزغا كەلگەن باشقا ئىنكاسلاردىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىش ھەققىدىكى تەھدىتىگە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ تۈركىيە، ئامېرىكا، قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن، تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچى تەرەپ 2017- يىل بېشىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ يۇرتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى ئارقىلىق ئۇنى يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە كۆپ قېتىم دەۋەت قىلغان. ساقچىلار تېلېفوندا ئۇنىڭغا كۆپ بېسىم ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئۇ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئۇچۇر ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىشكە مەجبۇر بولغان.

ئامېرىكىدا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان بەزى ئاتا-ئانىلارنىمۇ، بۇلتۇردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى قايتىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋازىنى بەرمەسلىك شەرتى بىلەن ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر 11-ئاي مەزگىلىدە خىتاي ساقچىلىرى ئاۋۋال ئۇنىڭ يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىسى ئارقىلىق ئۇنىڭدىن، قىزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ئالدىدا، خىتاي پاسپورتىنى تۇتۇپ قىزى بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئاندىن ساقچىلار بىۋاسىتە ئۇنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭدىن قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ساقچىلارغا قىزىنىڭ ئوقۇشى تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 2 يىل ئىچىدە قايتىپ كېتىشكە ۋەدە بەرگەن.

بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇلتۇردىن باشلاپ غەرب دۆلەتلىرىدىكى تاراتقۇلاردىن مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىن قايتىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جاز لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، قايتىپ كەتمەسلىك قارارىغا كەلگەن، ئەمما يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتتە قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىدە بولمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ، يېقىندا ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىت تېلېفونلىرىنى ئالغانلىقىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ئەپەندى بايانىدا، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى نامىدىن بۇ ئوقۇغۇچىلارغا يوللىغان جاۋاب خېتىدە، ئۇلارنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتلىرى سەۋەبلىك قايتىپ كەتمەسلىككە دەۋەت قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئەھۋالدا، خىتاي ساقچى تەرەپنىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان چەتئەللەردىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتسە، يامان ئاقىۋەتلەرگە يولۇقۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بايانىدا ئىلگىرىكى يىللاردا مىسىر، تۈركىيە، ھەتتا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، دائىرىلەر تەرىپىدىن ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» لاگېرلىرىغا قامالغانلارنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىرگە يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئاكتىپلىرىغىمۇ زەربە بېرىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت