قاغىلىق ناھىيەلىك دائىرىلەر 7‏- ۋە 8‏-«تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئۈچۈن قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك ئېلانى چىقارغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.05.14
yepiq-terbiyelesh-lagiri-xerite.jpg خوتەن لاسكۇيدىكى، ئىلگىرى بىر ئېتىزلىقتىن كېيىن چېگرا-توسۇق پايدا بولۇپ، تەربىيەلەش ئورنىغا ئۆزگەرتىلگەن يەرنىڭ كۆرۈنۈشى.
Social Media

مەلۇم بولۇشىچە، قاغىلىق ناھىيەسى يېقىندا ئۆز تەۋەلىكىدىكى 7‏- ۋە 8‏-«تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئوقۇتۇش بىناسى قاتارلىق بىر يۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. ئۆتكەن ھەپتىدىن بېرى تىۋېتتېردا تارقالغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى ۋە ئورنى ھەققىدە خېلى تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن قاغىلىقتىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا مەزكۇر ناھىيەدە يېڭىدىن قۇرۇلغان «يېپىق لاگېر» نىڭ قاغىلىق بازار ئىچىنىڭ يېڭى شەھەر رايونىدا، يەنى تېتىر يېزىسىدىن 3 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

نۆۋەتتە تىۋېتتېردا تارقالغان، ئەسلى ھۆكۈمەت بىلەن باغلىنىشلىق بىر قۇرۇلۇش ھۆددىگە بېرىش شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا 7‏- ۋە 8‏-«تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى ۋە قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ جەمئىي 37 مىليون 674 مىڭ يۈەنگە ھۆددىگە بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئۇقتۇرۇشتا سېلىنماقچى بولغان يېڭى قۇرۇلۇشنىڭ تېتىر دېگەن جايدا مەۋجۇت بولغان 7‏- ۋە 8‏-«تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ جەنۇبى قىسمىغا سېلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بىز قاغىلىقنىڭ تېتىر يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇ جايدىكى «تەربىيەلەش لاگېرى» ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئاھالىلەردىن بىرى ئۆز ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر لاگېرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئالدى. بەزى ئالاقىدار خادىملار «لاگېر» ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

تىۋېتتېردا تارقالغان ئۇقتۇرۇشتا بايان قىلىنىشىچە، ئىككى لاگېرغا جەمئىي 3 ئوقۇتۇش بىناسى سېلىنماقچى ئىكەن. بىرىنچى بىنانىڭ كۆلىمى 4109 كۋادرات مېتىر، يەنى 7 مو ئەتراپىدا؛ 2‏-بىنانىڭ كۆلىمى 3708 كۋادرات مېتىر، يەنى 6 مو ئەتراپىدا؛ 3 -بىنانىڭ كۆلىمى 4080 كۋادرات مېتىر، يەنى بۇمۇ 7 مو ئەتراپىدا ئىكەن. لاگېرنىڭ 7‏-ۋە 8‏-نومۇر بىلەن ئاتىلىشى قاغىلىق ناھىيەسىدە ئاز دېگەندە 8 لاگېر بارلىقىنى كۆرسەتسە، لاگېردىكى يۇقىرىقى 3 ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭغا نەچچە مىڭلىغان كىشىنى سولاشنى پىلانلاۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

تېتىر يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا خادىملاردىن بىرى تېتىرنىڭ ئۆزىدە «تەربىيەلەش لاگېرى» يوقلۇقى، ئەمما تېتىرغا يېقىن بولغان يېڭى شەھەر رايونىدا، يەنى 3 كىلومېتىر يىراقلىقتا بىر «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى.

تىۋېتتېردا تارقالغان ئۇقتۇرۇشتا سېلىنىدىغان قۇرۇلۇشلار ئارىسىدا ئاشخانا، ھاجەتخانا، يۇندا تۇرۇبىسى قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە تولۇقلۇقى ۋە قۇرۇلۇشقا سالغان مەبلەغنىڭ زورلۇقى دائىرىلەرنىڭ «يېپىق تەربىيە لاگېرى» نى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تاقىمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇش بۇ يىل 3‏-ئاينىڭ 1‏-ھەپتىسى چىقىرىلغان ۋە ھۆددىگە بېرىشنىڭ 23‏-مارت كۈنى ئاخىرلىشىدىغانلىقى بايان قىلغان. بۈگۈن تېتىر يېزىسىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن تېتىرغا 3 كىلومېتىر مۇساپىدىكى مەزكۇر لاگېرنىڭ ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەن لاگېر ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە ئېنىق بولمىدى. ئېنىقلاشلىرىمىزدىن ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەن لاگېر قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغان ياكى باشلانمىغانلىقى ۋە ياكى تاماملانغانلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار مەۋجۇت ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.