«يېپىق تەربىيە» باشلانغاندىن بۇيان قاراقاشتا ئىككى كەنتتىن 26 ئادەم لاگېردا جان ئۈزگەن
2018.06.14

مۇخبىرىمىزنىڭ خوتەن قاراقاشتىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر دىيارىدا «يېپىق تەربىيە» دولقۇنى قوزغالغاندىن بۇيان قاراقاش بازىرىنىڭ چىنىباغ ساقچىخانىسىغا تەۋە ئىككى كەنتتىنلا 26 كىشىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 530110 ئىكەن. قاراقاش بازىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى بولسا 34446 ئىكەن. قاراقاش چىنىباغ ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر ساقچىخانىغا قاراقاش بازىرىدىكى 24 كەنتتىن 11 كەنت ۋە ئىككى ئاھالىلەر كومېتىتىتى قاراشلىق ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىشەھەر كەنتىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 1700 نەچچە بولۇپ، بۇنىڭ 40 پىرسەنتى نۆۋەتتە «يىغىۋېلىش لاگېرى» دا ئىكەن.
چىنىباغ ساقچىخانىسىدىكى بىر خادىم بۇ ساقچىخانىغا تەۋە يېڭىشەھەر كەنتىدىنلا 13 كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ساقچىخانىنىڭ كوناشەھەر ۋە يېڭىشەھەردىن ئىبارەت ئىككى كەنتكە مەسئۇل خادىمى، لاگېر قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ ئىككى كەنتتىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەردىن 26 كىشىنىڭ لاگېردىن جەسىتى چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ ئەھۋالنى مەزكۇر ئىككى كەنتكە مەسئۇل ئامانلىق مۇدىرىمۇ دەلىللىدى. ئۇ بۇ ئۇچۇرنى يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئېچىلغان بىر يىغىندا ئاڭلاپ قالغانلىقىنى پاش قىلدى. ساقچى خادىملىرى بۇ 26 ئادەمنىڭ كونكرېت ئۆلۈم سەۋەبىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە لاگېرنىڭ ئومۇمىي شارائىتى سەۋەب بولغانلىقىنى چەتكە قاقمىدى. ئالدىنقى كۈنىدىكى پروگراممىمىزدا مەلۇمات بەرگەن ساقچى خادىمى يېڭىشەھەر كەنتىدىن ئۆلگەن ئابدۇلئەھەد باققالنىڭ لاگېردىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيەت سەۋەبىدىن قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەنلىكى ۋە بۇ سەۋەبتىن جان ئۈزگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.
ساقچى خادىملىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئىككى كەنتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 3000 بىلەن 4000 ئارىسىدا ئىكەن. بۇ نوپۇسنىڭ نۆۋەتتە 40 پىرسەنتى، يەنى 1200 بىلەن 1600 ئەتراپىدا كىشى قاراقاش ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دا سولىنىپ ياتماقتىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە لاگېردا جان ئۆزگەن 26 كىشىدىن پەقەت بىر كىشىنىڭ، يەنى 3 بالىنىڭ ئاتىسى، 37 ياشلىق ئابدۇئەھەد باققالنىڭ كىملىكى مەلۇم بولدى.