4 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئىتى قاتارنى زىيارەت قىلىپ مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.03.25
qatar-ziyaret-4-kishilik-heyet.jpg بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان 4 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئىتى قاتاردا زىيارەتتە. 2019-يىلى 17-مارت.
RFA/Arslan

17-مارت كۈنى بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان 4 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئىتى قاتارنى زىيارەت قىلىپ، «دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى»، «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ باش شىتابى قاتارلىق ئورۇنلاردا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شۇنداقلا مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەسئۇللىرىدىن ھەبىبۇللا كۈسەنى ۋە مەخمۇتجان داموللام قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان بۇ 4 كىشىلىك ھەيئەت ئالدى بىلەن مەركىزى قاتارنىڭ دۇھا شەھىرىگە جايلاشقان «دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى» نى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر بىرلىكنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئالىي قارىداغى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان. ئاندىن ئۇلار يەنە «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلغان.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار «دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى»، «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلاردا مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ تارمىقى بولغان «ئەلجەزىرە تەتقىقات مەركىزى» دە بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. بۇ يىغىنغا «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرى، ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار ۋە ئاكادېمىكلار قاتناشقان. يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە چىقىش يوللىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەيئەت يەنە قاتاردىكى «ئەرەب تەتقىقاتلىرى مەركىزى» دە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلانغان دوكلاتىنى سۇنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قاتار ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىپ، «ۋىجدان ۋە مەدەنىيەت مەركىزى» دە ياشلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان.

21-مارت كۈنى كېچە سائەت 12:30 دا «ئەل-جەزىرە» نىڭ نەق مەيداندىن تارقىتىش قانىلىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پروگرامما ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پروگراممىغا ھەبىبۇللا كۈسەنى ۋە مەخمۇتجان داموللام تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، رىياسەتچىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا تەپسىلىي جاۋاب بەردى. 40 مىنۇت داۋام قىلغان پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئەھۋالى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن-قىستاقلار توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن. پروگرامما ئاخىرىدا ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا خىتاب قىلىپ، ئەرەبلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، قوللاشقا چاقرىق قىلغان.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قاتاردا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھەبىبۇللا كۈسەنى بۇ قېتىمقى زىيارەت توغرىسىدا توختىلىپ، 4 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئەتنىڭ قاتاردا مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە بىر قاتار پائالىيەتلەردە ۋە ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقى ۋە مەلۇم تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە قاتاردىكى ئۇچرىشىشلاردا بىر قىسىم ئەرەب ژۇرنالىستلىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مەخمۇتجان داموللاممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى قاتار زىيارەتى ھەققىدە بەزى تولۇقلىمىلارنى تەقدىم قىلدى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنى 14-ۋە 15-مارت كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا پۈتۈن دۇنيادىكى ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى. يىغىن ئاخىرىدا دۇنيادىكى ئېغىر ئەھۋالدا قالغان مۇسۇلمانلارغا ئالاقىدار 12 ماددىلىق قارار ئېلىنغان بولۇپ، قارارنىڭ 5-ماددىسى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان ئىدى.

بۇ قارارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار 5-ماددىسىدا خىتايغا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن خىتايدىكى ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلاھى شەرىئەت ۋە خەلقئارا قانۇن كېپىل بولغان دىنغا ئېتىقاد قىلىش، يۆتكىلىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بارلىق ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى، مۇسۇلمانلارنى قىيناش، زۇلۇم قىلىش ۋە ئۇلارنى لاگېرلارغا سولاپ ھەر تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.