سەئۇدى ئەرەبىستان خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرى ئوسمان ئەخمەت توختىنىڭ قۇدىسىنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى تۈرمىدە ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەلۇم بىر ئۇيغۇر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن خىتاي پاسپورتى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىدىن بېرىلگەن ساياھەت كىنىشكىسىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 2-ئۆكتەبىر، سەئۇدى.
مەلۇم بىر ئۇيغۇر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن خىتاي پاسپورتى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىدىن بېرىلگەن ساياھەت كىنىشكىسىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 2-ئۆكتەبىر، سەئۇدى.
AFP

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە تۈركىيەدىن ئۆمرە ھەجگە بارغان ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 5 كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى مەلۇم بولغان. رادىيومىز خىتايغا قايتۇرۇلغان تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدىكى 4 كىشىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، خوتەنلىك تىجارەتچى ئوسمان ئەخمەت توختى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئوسمان ئەخمەت توختىنىڭ تۈركىيەدە قالغان ئائىلىسى ئۇلارنىڭ خوتەندە قېلىپ قالغان 3 پەرزەنتىدىن چوڭ قىزى ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى، ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ قالغان 2 ئاكىسى بىلەن قېينىئانىسىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. ئوسمان ئەخمەت توختىنىڭ 3 پەرزەنتى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئايالى سۇدىنىسا خانىم 13-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلىپ، قىزى ۋە قۇدىسىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى.

سۇدىنىسا خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ كۈيئوغلى ئابدۇلېتىپ «قۇرئان» دەرسى ئالغانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەن. سۇدىنىسا خانىم مۇنداق دېدى: «بالىلىرىمنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچقانداق خەۋىرىم يوق. قېينىئاتىسىمۇ يوق، كۈيۈئوغلۇممۇ يوق، ئۇنى 2016-يىلى 15 يىللىق كېسىۋەتكەن. كۈيۈئوغلۇمنىڭ ئىسمى ئابدۇلېتىپ ئابدۇغېنى ئىدى. ئۇكامنىڭ ئىسمى ئابدۇغېنى ئابدۇلېتىپ، كۈيۈئوغلۇمنىڭ ئىسمى ئابدۇلېتىپ ئابدۇغېنى. ‹ئۇكامنىمۇ ئېلىپ كېتىپتۇ› دەپ ئاڭلىغان، لېكىن قويۇپ بەردىمۇ-بەرمىدىمۇ بىلمىدىم، خەۋىرىم يوق. كۈيۈئوغلۇمنى بىزنىڭ ئۆيدە يولدىشىمدىن ‹قۇرئان› نى يادقا ئالغان، شۇنىڭدىن تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئەمما يەنە باشقا قانداق سەۋەب بارلىقىنى بىلمىدۇق.»

سۇدىنىسا خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ ئايال قۇدىسى خەيرىنىسا ۋە ئۇنىڭ قالغان ئىككى ئوغلىمۇ تۈرمىدە ئىكەن. سۇدىنىسا خانىم مۇنداق دېدى: «كۈيۈئوغلۇمنىڭ دادىسى كىچىك ئوغلىنى ئېلىپ چەتئەلگە يېنىپ چىقىپتىكەن. كۈيۈئوغلۇم بىلەن خوتەندە 3 ئوغلى قالغان. ئۈچ ئوغۇلنى 15 يىللىقتىن كېستىۋېتىپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئالدىم. ئۇ چاغدا مەن مەككىدە ئىدىم، 2017-يىلى ئالغان بۇ خەۋەرنى. بىر ئائىلىدىن 3 ئوغۇلنىڭ ئۈچىلىسى تۈرمىدە، ئانىسىمۇ تۈرمىدە. قىزىمنىڭ يا دادىسى يوق، يا قېينىئاتىسى يوق، يا يولدىشى يوق، دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرغانتىم. قويۇپ بەردىمۇ-بەرمىدىمۇ، خەۋىرىم يوق. لېكىن 2017-يىلى تۈرمىدە، دەپ ئاڭلىغان. ئايال قۇدامنىڭ ئىسمى خەيرىنىسا، ئەركەك قۇدامنىڭ ئىسمى ئابدۇغېنى ھاجىم. ئوغۇللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ئابدۇرېشىت، بىرىنىڭ ئىسمى ئابلىھەت، ئابلىھەت دېگىنى ئەڭ چوڭى. ئابدۇلېتىپ مېنىڭ كۈيۈئوغلۇم، بالىلارنىڭ ئىككىنچىسى. ئابدۇرېشىت دېگەن ئوغلى 22-23 ياشلاردا ئىدى.»

تۈركىيەدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار بىر زاتنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئادۋوكاتلار ھۆكۈمەت قاناللىرىدىن ئوسمان ئەخمەت توختىنىڭ تېخى كېسىلمىگەنلىكى، لېكىن ئۇنىڭ كۈيئوغلى بىلەن قىزىنىڭ 15 يىللىق كېسىۋەتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئالغان. ئۇ 13-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئادۋوكات مۇشۇ يېقىندا ئۇقۇشۇپتىمىش، ئوسمان قارىھاجىم دەيتتۇق، ئوسمان ھاجىم ھازىر ۋەتەندەمىش، ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋېتىپتىمىش، ئۇنى تېخى كەسمەپتۇ. ھازىر تۈرمىدىكەن. ئادۋوكات ھازىر خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى، لېكىن مانچە يىللىق دەپ تېخى كېسمىگەنلىكى، چوڭ قىزى بولىدىغان، ئۇ قىزىنىڭ يولدىشىنى 15 يىللىق، قىزىنى 15 يىللىق كېسىپ ئېلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بىر ئاز خەۋەر بەردى، لېكىن تەپسىلىي خەۋەر بەرمىدى.»

ئوسمان ئەخمەت توختى 2018-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمرە ھەجىگە بارغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە تۈركىيەدىن ئۆمرە ھەجگە بارغان ياكى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان 5 كىشىنىڭ بىرى. رادىيومىز خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن قالغان 3 كىشىنىڭمۇ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.

بۇ 3 كىشىنىڭ بىرى قەشقەرلىك دىنىي زات ئابلىمىت داموللامنىڭ ئوغلى نۇرۇللاھ، قالغان ئىككىسى ئۈرۈمچىلىك تىجارەتچى بەختىيار ھاجىم ۋە خوتەنلىك تىجارەتچى ياقۇپجان ئەخمەت قاتارلىقلاردۇر. ياقۇپجان ئەخمەتنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئىنىسى 13-ئۆكتەبىر تېلېفوندا مۇخبىرىمىزغا ياقۇپجاننىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، بىراق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان 1930-ۋە 1940-يىللىرىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قويۇن ئېچىپ، ئۇلارغا پاناھلىق بەرگەن سانالىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاي ھۆكۈمىتى 1980-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا ھەج يولىنى ئاچقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ۋاھابىي پىكىر ئېقىملىرىنى قوللاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى يېقىنقى يىللاردا ئۆزگەرگەن. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھدى، شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان 2019-يىلى 2-ئايدا خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت