قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى نورۇز بايرىمىدا مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى
2024.03.26
باشقا قوشنا مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يىل نورۇز بايرىمىنى يۇقىرى كەيپىياتتا قارشى ئالدى. ئۇيغۇر ئېلىدىن كېيىن قالسا، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت قازاقىستاندۇر. بۇ دۆلەتنىڭ ھازىرقى ئالمۇتا ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتى، يەتتەسۇ ۋىلايىتى، شۇنىڭدەك جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئاھالىسى باشقىمۇ مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۈچ كۈن مابەينىدە، يەنى بولۇپمۇ 21-23-مارت كۈنلىرى ئارىلىقىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى.
بۇ يىل نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندا ئون كۈنلەر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، 14-مارتتىن 23-مارتقىچە سوزۇلۇپ، ھەر بىر كۈن بىر نام بىلەن ئاتالدى. مەسىلەن، كۆرۈشۈش كۈنى، خەيرخاھلىق كۈنى، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت كۈنى، مىللىي كىيىم كۈنى، مىللىي تەنھەرىكەت كۈنى، ھەمكارلىق كۈنى، يىل بېشى كۈنى ۋە باشقىلار. بۇ كۈنلەردە قازاقىستاننىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەنئەنىلىرى ۋە مەدەنىيىتى تەشۋىق قىلىندى. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ باشچىلىقىدا نورۇز مۇراسىملىرىدا مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى.
بىز ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ چېلەك تەۋەسى ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى نۇرجامال ھەسەنوۋا خانىم بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ چېلەك، مالىۋاي، قورام، بايسېيىت، قاراتۇرۇق قاتارلىق يېزىلاردا باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دوستلۇقتا ۋە ئۆملۈكتە ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «نورۇز بايرىمى ئەسلىدە يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، تاجىك، تۈرك قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمىي مىللەتلىرىگە ئورتاق بايرام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ناھىيەمىزنىڭ ھەر يېزىلىرىدا يەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ، بالىلار باغچىلىرىدىكى پەرىشتىلىرىمىزنىڭ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بايرامنى تەبرىكلەشتە ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، مىللىي تائام ۋە قەدىمىدىن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ تۇتقان ئۆي جابدۇقلىرى، قورال-سايمان، قول ھۈنەرلىرىنىڭ كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاندىن ناغرىچىلار ناغرىلىرىنى چېلىپ، سەنئەتكارلىرىمىز دوستلۇق، تىنچلىق توغرىسىدىكى شېئىر، قوشاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بايرامغا ئائىت ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يىلمۇ چېلەك تەۋەسىنىڭ بىر نەچچە يۇرتلىرىدا نورۇز بايرىمى يۇرت ئاكتىپلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئالاھىدە تەييارلىنىپ، كۆڭۈللۈك قارشى ئېلىندى».
نۇرجامال ھەسەنوۋانىڭ ئېيتىشىچە، نورۇز بايرىمى بۈگۈنكى كۈندە كېلەچەك ئەۋلادلارغا ئۈلگە بولالايدىغان، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك سېزىمىنى ئويغىتىدىغان، مىللىي مەدەنىيىتىگە ھۆرمىتىنى، مۇھەببىتىنى كۈچەيتىدىغان خاسىيەتلىك بايراملارنىڭ بىرىكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ژۇرنالىست شەمشىدىن ئايۇپوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «نورۇز بۇ پەقەت يېڭى يىلنى قارشى ئېلىشلا ئەمەس، ئۇ بەلكى مىللەتلەرنى يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئىنسانىي پەزىلەتلىرىمىزنى ۋە مەدەنىي قەدرىيەتلىرىمىزنى تەشۋىق-تەرغىب قىلىدىغان، بولۇپمۇ ئادەملەرنى مېھرىبانلىققا، ياخشىلىققا، تازىلىققا، ئىزگۈلۈككە، سەمىمىيلىككە چاقىرىدىغان ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ بايرامدۇر. بۇ يىل نورۇز موسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ ئېيى روزا-رامىزان بىلەن بىرگە كەلدى. بۇمۇ، ئەلۋەتتە، ياخشىلىقنىڭ نىشانى، دەپ ئويلايمەن. نورۇزدا خەلقلەر ئۆزىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى باشقا مىللەتلەر ئالدىدا يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ كۈنلىرى شۇنداقلا ھاياتتىن ئۆتۈپ كەتكەن يېقىنلىرىمىزنى، قېرىنداشلىرىمىزنى ئەسلەپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ. بىر-بىرىگە بولغان رەنجىشلىرى كەچۈرۈپ، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىشلار كۆپ بولدى. بولۇپمۇ بۇ بايرام ئۆسۈپ كېلىۋاتقان ئەۋلادىمىزنى ئانا تىلىنى سۆيۈشكە، تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى قەدىرلەشكە، ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەشكە ئۈندەيدىغان چوڭ بايرام. مەن پۈتكۈل دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىمنى نورۇز بايرىمى بىلەن يەنە بىر قېتىم مۇبارەكلەپ، خەلقىمىزگە بەخت-سائادەت، ئامەت، قۇت-بەرىكەت ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن».
ئىگىلىشىمىزچە، نورۇز تۈركىي ۋە پارس خەلقلىرى ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يېڭى يىلنى، باھار پەسلىنى كۈتۈۋېلىش ئەنئەنىۋى بايرام بولۇپ كەلگەن. لېكىن 1918-يىلدىن تارتىپ تۈركىي خەلقلەر، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار كۆپ ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورناپ، كېيىنرەك نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى. پەقەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقىدا كەڭ قانات يايغان «قايتا قۇرۇش» ياكى «ئۆزگەرتىپ قۇرۇش» سىياسىتى دەۋرىدە خەلقلەرنىڭ ئۆز مەدەنىي ئەنئەنىلىرىنى قايتا تىكلەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى پەيدا بولدى. باشقا ئەنئەنىلەر قاتارىدا نورۇزمۇ ئۆتۈلىدىغان بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى 1991-غۇلاپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىنلا نورۇز دۆلەت بايرىمى سۈپىتىدە ئاممىۋى تەبرىكلىنىدىغان بولغان.









