قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرى بۇ يىلمۇ داۋاملاشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-01-06
Share

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان مەتبۇئاتلاردا، تۈرلۈك پائالىيەتلەردە بۇ ھەقتە خەۋەر ۋە تەشۋىقاتلار ئېلان قىلىنماقتا. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئېغىر بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىپ، مىڭلىغان بالىلار يېتىمسىرەپ قېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرى، ساخاۋەتلىك ئىنسانلىرى تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى ناچار ھەم قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولغان ئائىلىلەرگە، يېتىم-يېسىرلارغا، مەجرۇھ بالىلارغا، تەبىئىي ئاپەتلەردىن زەرداب چەككەنلەرگە خەيرخاھلىق ياردىمى كۆرسىتىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرۇپ كەلمەكتە.

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرقى سانىدا ئېلان قىلىنغان «خەيرخاھلىق-ئىنسانىيلىقنىڭ بەلگىسى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق قەينەزەر يېزىسىدا بۆرەك كېسىلىگە دۇچار بولغان تۆت ياشلىق دانىيېل دىلمۇراتوفقا ئاتاپ خەيرخاھلىق كونسېرتى بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن. بۇنى «ئازاد يېزىسىنىڭ كۈن شولىلىرى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ مۇدىرى رەھىمجان مۇسايوف ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «ياركەند باغلىرى»، «باھار»، «ئۈمىد» قاتارلىق سەنئەت گۇرۇپپىلىرى، شۇنداقلا بىر قاتار سەنئەتكارلار ئىشتىراك قىلغان. كونسېرتتىن چۈشكەن مەبلەغ دانىيېل دىلمۇراتوفنىڭ ھېساب-چوتىغا ئەۋەتىلگەن.

ئەمدى «ئايشەمۇ ياردەمگە موھتاج» دېگەن ماقالىدا تۇغۇلۇشىدىن ئېغىر كېسەللەرگە مۇپتىللا بولغان يەنە بىر گۆدەك ئايشەنىڭ بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان داۋالىنىپ كېلىۋاتقانلىقى، مۇشۇ يىلى يانۋار ئېيىدا تۈركىيەدە ئوپېراتسىيە قىلىش لازىم بولۇپ، ئۇنىڭغا 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تۇزدىباستاۋ، دوستلۇق، سۇلتانقورغان قاتارلىق يېزا ۋە مەھەللىلەردە خەيرخاھلىق كونسېرتلىرى ۋە يەرمەنكىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، بىر قاتار مېھرىبان، ھېسداش كىشىلەر ۋە ياشلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىقىدا مەبلەغنىڭ بىر قىسمى يىغىلغان.

بىز ئەنە شۇنداق خەيرخاھلىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتقان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسى ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەربىيە ئىشلىرى بويىچە ئورۇنباسارى بۈبىنۇر غوجامبەردىيېۋا بىلەن ئالاقىلەشتۇق. بۈبىنۇر غوجامبەردىيېۋا خانىم جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن 2016-يىلى «ساخاۋەت» توپىنى قۇرۇشىغا ئۆزى ياشاۋاتقان يېزىدا بىر مەجرۇھ بالىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ توپقا ئۆز ئىختىيارى بىلەن مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ساخاۋەتلىك ئىنسانلار قوشۇلدى. كېيىنكى يىللاردا نۇرغۇنلىغان خەيرخاھلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. موھتاج جانلارغا كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك، ئويۇنچۇق، دورا-دەرمەككە ئوخشاش كېرەكلىك نەرسىلەر ياردەم قىلىندى. 2019-يىلنىڭ مارت ئېيىدا ياركەند شەھىرىدە 100 دىن ئوشۇق مەجرۇھ، يېتىم بالىلارغا، يالغۇز قالغان مۆتىۋەرلەرگە ياردەم سۈپىتىدە خەيرخاھلىق مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇلدى.»

بۈبىنۇر غوجامبەردىيېۋا مۇشۇ يىلى يازدا ئۇيغۇر ناھىيەسىدە چوڭ خەيرخاھلىق پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى، ئارىلىقتا ياردەمگە مۇھتاجلارنى يوقلاپ، ھەرىكەتنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاندا ئەنە شۇنداق خەيرخاھلىق ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان يەنە بىر تەشكىلات «مىراس» ئانىلار جەمئىيىتى بولۇپ، ئۇ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئىشلەپ كەلمەكتە.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «مىراس» ئانىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەختىرىم ئەخمەتوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بىز 13 ئايال ئۆز پېنسىيامىزدىن پۇل ئايرىپ، ئاتا-ئانىمىزدىن مىراس قالغان ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ياشلارغا چۈشەندۈرۈپ، يېتىم بالىلارنىڭ، كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرنىڭ، ئانىلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ كېلىۋاتىمىز. 2019-يىلى قورامدا 22 يېتىم بالا ۋە كۆپ بالىلىق ئانىلارغا سوغىلىرىمىزنى بەردۇق. قاراتۇرۇق مەكتىپىدە 1-سىنىپقا بارغان يېتىم بالىلارغا ياردەم كۆرسەتتۇق. دوپپا بايرىمىنى ئۆتكۈزگەندە يەنە شۇنداقلارغا ياردەم بېرىپ، مېھمانلارغا رەسىم-قائىدىلىرىمىزنى كۆرسەتتۇق. ئاقسۇ مەكتىپىدىكى 1-سىنىپتىن 9-سىنىپقىچە بولغان بالىلارغا ياردەم قىلدۇق.»

ئەختىرىم ئەخمەتوۋا يەنە ئۇيغۇر نېنى بايرىمى، ساڭزا بايرىمى قاتارلىق كۆپلىگەن سەنئەت فېستىۋاللىرىنى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، رەسىم-قائىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە ئەنە شۇنداق خەيرخاھلىق ئىشلىرىنىمۇ ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا 15-يانۋاردا «مىراس» ئانىلار جەمئىيىتىنىڭ 2020-يىلدىكى ئىش-پىلانىنىڭ تەستىقلىنىدىغانلىقىنى، بۇ يىلىمۇ قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا مۇنداق خەيرخاھلىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلار قاتارىدا «ئىش بىلەرمەن ئاياللار» كۇلۇبى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى «نۇرانىي ئانىلار كېڭىشى» قاتارلىق تەشكىلاتلار، يېزا، ناھىيە، ئوبلاست ۋە شەھەر بويىچە قۇرۇلغان مەشرەپلەر، شۇنداقلا ئايرىم ساخاۋەتلىك كىشىلەرمۇ كۆپ ئىكەن. ئۇلار يۇقىرىدا ئاتالغان ئىشلاردىن تاشقىرى يەنە ئاتاقلىق ئۇيغۇر نامايەندىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش، زىيالىيلارنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش، ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنى، سەنئىتىنى قوللاش ۋە باشقىمۇ پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزمەكتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى 1-ئاۋغۇست كۈنى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەسىگە قاراشلىق گۈلدالا يېزىسىدا ئۆتكەن مۇراسىمدا «نۇرانىي ئانىلار كېڭىشى» نىڭ رەئىسى گۈلجاھان مۇراتوۋا بەش كۆپ بالىلىق ئائىلىگە يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇرغان. ئۇنىڭغا كۆپچىلىك بىلەن بىر قاتاردا يەرلىك ھاكىمىيەت ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.