قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى مىللەتپەرۋەر ئەربابلىرىنى خاتىرىلەشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021-02-17
Share
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى مىللەتپەرۋەر ئەربابلىرىنى خاتىرىلەشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇردى قازاقىستاندىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدا قۇرۇلغان يىگىتباشلىرى كېڭىشىنىڭ تۇنجى رەئىسى ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Oyghan

بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى ئەشەددىيلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئەركىن ياشاش، ئانا تىلىنى سۆيۈش، مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرىنى قوغداشقا ئوخشاش پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى خەلقئارا مىقياسدا تەكىتلىنىۋاتقان پەيتتە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاش، خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان شەخسلىرىنى ياد ئېتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتماقتا.

يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ «دىلناز» رېستورانىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدا قۇرۇلغان يىگىتباشلىرى كېڭىشىنىڭ تۇنجى رەئىسى ئابدۇرېشىت مەخسۇتوفنىڭ 70 يىللىق تەۋەللۇتىنى خاتىرىلەش كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ئىشلىرىدا ئاتقۇرغان خىزمەتلىرىنى يۇقىرى باھالىدى. جۇمھۇرىيەتلىك يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ ھازىرقى رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروف تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر مۇراسىمدا ئەينى ۋاقىتلاردا ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف باشقۇرغان يىگىت باشلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بالا توپلاش، ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىت مۇشتەرىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، ئۇيغۇر تىياتىرىغا تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەرغىب قىلىش، ياشلارنى مىللىي روھتا تەربىيەلەش، زىيالىيلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى قوللاش ۋە باشقىمۇ ئىشلىرى ھەققىدە ئوي-پىكىرلەر ئېيتىلدى. بۇ پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتمۇ ئەسكە ئېلىندى.

مەرھۇمنىڭ بىر تۇغقان ئاكىسى، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ماخمۇدوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف ئائىلىدىكى بەش ئوغۇلنىڭ ئەڭ كەنجىسى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىنلا ھەرىكەتچان، ئادەملەرگە نىسبەتەن مېھرىبان، تىرىشچان بولۇپ ئۆسكەنىكەن. ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئۆزى تۇرۇۋاتقان مەھەللىدە يۇرتنى تەشكىللەپ، يىگىت بېشى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىللىي قەدرىيەتلەرنى تەرغىب قىلىش ئىشلىرىدا كۆزگە چۈشكەن. جامائەت ئەربابى ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف 2018-يىلى ئېغىر كېسەلدىن كېيىن ۋاپات بولغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئابدۇرېشىتنىڭ ماڭا ياقىدىغان بىر يېرى ئۇ پۈتۈن قابىلىيىتىنى مىللەتكە سەرپ قىلدى. 80-يىللاردىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تاپقىنىنى ئەل-يۇرتىغا، موھتاجلارغا سەرپ قىلىپ، ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرىدىغان. 80-يىللارنى ئاخىرى 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا بىزنىڭ چوڭ يازغۇچىمىز مەسىمجان زۇلپىقاروف ئۇيغۇر مەشرەپلىرى توغرىلىق سېنارىيە يېزىپتىكەن، شۇنى لېنتىغا ئالىمىز دەپ، ئۇنىڭغا جاي ئىزدىگەندە ئابدۇرېشىت ئىككى ئېغىز ئۆيىنى ئىسسىتىپ، تەييارلاپ بەرگەن. ئابدۇرېشىتلار ئۇ ياقتىن باشلانغۇچ سىنىپنى تۈگىتىپ چىقتى. ۋەتەن دېگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئەڭ ئاساسىي غايىسى، ھاياتى، پائالىيىتى ئەنە شۇ ۋەتەن بىلەن باغلىنىشلىق. ئابدۇرېشىتمۇ ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. مۇشۇ يەردە سوۋېت ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ھەر بىر مىللەت ئۆز تەشكىلاتلىرىنى قۇردى. شۇ چاغدا ئابدۇرېشىتلارمۇ ياردىمىنى قىلدى. ھەتتا تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىنى بولغاندا، قاتناشتى، قولىدىن كەلگەن ياردىمىنى قىلدى. ئۇنىڭ بىرلا ئويى ۋەتىنىنىڭ ئازاد بولۇشىنى چوڭ ئارزۇ قىلدى.»

ئابدۇخالىق ماخمۇدوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف ھايات ۋاقتىدا قازاقىستاندا تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن جايلارغا ماددىي ياردەم كۆرسىتىش، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن سەنئەتكارلارنى، زىيالىيلارنى قوللاش ئىشلىرىغىمۇ رەھبەرلىك قىلغانكەن. ئابدۇخالىق ماخمۇدوف 2019-يىلى «ۋە دەرىخا» ناملىق كىتاب نەشر قىلىپ، ئۇنىڭدا مەرھۇم ھەققىدە كۆپلىگەن خاتىرىلەرنى ئېلان قىلغانكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇرېشىت مەخسۈتوف قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي ئالاقىلەرنى ئورنىتىشقا ھەم راۋاجلاندۇرۇشقا كۆپ ھەسسە قوشقانىكەن. بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان يۇرت ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى، ئۇزۇن ۋاقىت باش يىگىت بېشى بولۇپ ئىشلىگەن ئۆمەرجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئالدىمىزدا جىق مەقسەتلەر بار ئىدى ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرلىشىپ قىلىدىغان. شۇ ياقتىن كىتابلارنى ئېلىپ كېلىپ، ھەتتا ئوشتا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ئاچساق دېگەن. ئۇ ياردەم قىلىمەن دېگەن ئىدى. بىزدە مۇئەللىملەر كەم. مۇشۇ يەردە كادىر تەييارلاپ بەرسە يا بولمىسا، مۇشۇ ياققا كەلسە. بىز مائاشىنى تۆلەپ بەرسەك دېگەن مەقسەت بار ئىدى. ئابدۇرېشىت بىشكەك جامائىتىگە، خەلقىگە كۆپ ھەسسە قوشتى. ئۇنىڭغا كۆز يۇممايمىز.»

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى يىگىتباشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز، ئۇيغۇرلار، تېرىقتەك دۇنياغا چېچىلىپ كەتتۇق. ئەگەردە ۋەتىنىمىزدە تىنچلىق بولغان بولسا، مۇنداق تارقىماس ئىدۇق. بىزمۇ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكى ئىشلاردىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇۋاتىمىز، كۆيۈنىمىز. بىزمۇ يىغلايمىز. تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزدىنمۇ ناھايىتى ئەنسىرىگەنىدۇق. ھازىر ياخشى خەۋەرلەر كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا، ياۋروپالاردىمۇ ئالدىنقى قاتارلىق ئىنىلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز ناھايىتى چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.»

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆز مىللىتىدىن يېتىشىپ چىقىپ ئۇنىڭ مەدەنىيىتى، مائارىپى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، ئىلىم-پەنى ۋە باشقا ئىشلىرىغا ھەسسە قوشقان مەشھۇر نامايەندىلىرىنى دائىم خاتىرىلەپ تۇرماقتا. تېخى يېقىندىلا ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەرەققىياتى، 12 مۇقامنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان دۆلەت ئەربابى مەرھۇم خېلەم خۇدابەرىيېفنى، ئاتاقلىق ئالىم، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا زور نەتىجە قازىنىپ، ئۇنى پۈتۈن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىگە تونۇشتۇرۇشقا ھەسسە قوشقان ئاتاقلىق ئالىم مەرھۇم مۇرات ھەمرايېفنى خاتىرىلەپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقانىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا بولسا مەشھۇر ئالىم غوجاخمەت سەدۋاقوسوفنى خاتىرىلگەنىدى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن مەشھۇر نامايەندىلەرنىمۇ خاتىرىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.

فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شەمشىدىن ئايۇپوف بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بىز ھېچ قاچان تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى بۈيۈك نامايەندىلىرىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك، چۈنكى بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ، سەنئىتىمىزنىڭ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تومۇرى شۇ يەردە. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەخمەت يۈكنەكى، بىلال نازىم، قاتارلىق ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلىرىمىزنىڭ، ئەخمەتجان قاسىمىغا ئوخشاش دۆلەت ئەربابلىرىمىزنىڭ تەۋەللۇتلىرىغا بېغىشلانغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇقادىر داموللام، تېيىپجان ئىلىيېف، تۇرغان ئالماس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن نامايەندىلىرىمىزنى خاتىرىلەش سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى نەشر قىلىش ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ. راست، ھازىر چېگرانىڭ ئۇ يېقىدا ئەنە شۇنداق نامايەندىلىرىمىزنى خاتىرىلەش مۇمكىنچىلىكى يوق بىر ۋاقىتتا بىزنىڭ ئۇلارنى ئەسلەپ، ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئالىي ئىنسانىي بۇرچىمىز، دەپ ئويلايمەن.»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا نارەسمىي مەلۇماتلار بويىچە 500 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىكەن. ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى، ئالمۇتا ۋىلايىتىگە ۋە ئالمۇتا شەھىرى ھەم ئەتراپىدىكى يېزىلارغا مەركەزلەشكەن. يەنە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدۇ. لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى، نەشرىياتى، تىياتىرى ۋە باشقىلار ياخشى ساقلانغان جۇمھۇرىيەت قازاقىستاندۇر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت