قازاقىستان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى «خىتاي مۇھاجىرلىرى» دېيىشى كۈلكىلىك ۋە غەرەزلىكتۇر
2024.03.20
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 3-ئىيۇل، قازاقىستان.
خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا باشقا دۆلەتلەرگە يەرلەشكەن ھەتتا ئاللىقاچان خىتاي گىراژدانلىقىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا دۆلەت پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان ھەرقانداق بىر خىتاينىڭ «خىتاي پۇقراسى» ياكى «خىتاي مۇھاجىرى» دەپ ئاتىلىشىنى، چەت ئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ بولغان خىتايلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىدىكى سىياسىي ئاتالغۇسى دەپ ئاتاپ، ئۈزلۈكسىز تەنقىد ۋە رەت قىلىپ كەلگەنىدى.
ئۇنى ھالبۇكى يېقىنقى يىللاردىكى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا، خىتاي مىللىتى بىلەن قىلچە ئورتاقلىقى بولمىغان چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارنىڭمۇ «خىتاي پۇقراسى» ياكى «خىتاي مۇھاجىرى» دەپ تەشۋىق قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا. ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھاجىرلار خىزمىتى خادىمى لى دېخۇا تەرىپىدىن يېزىلىپ، 2013-يىلى 11-ئايدا نەشر قىلىنغان «چەت ئەللەرگە كۆچكەن شىنجاڭلىقلار» ناملىق كىتابتا 19-ئەسىردە، يەنى مانجۇ ئىستېلاسى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرى يېنىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارمۇ ئاتالمىش «خىتاي مۇھاجىرلىرى» دەپ تەرىپلەنگەن. ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندە يەنى خىتاينىڭ «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى سانىدا مەزكۇر كىتاب ھەققىدە بىر تەسىرات ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مەزكۇر كىتابتا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلار قايتىدىن تەشۋىق قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان.
ماقالىدە 19-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆچمەن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرىنىڭمۇ يەنىلا ئاتالمىش «خىتاي مۇھاجىرى» ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن. «ئارىدىن يۈز يىل ئۆتۈپ كەتتى. سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭدىن چەت ئەللەرگە كۆچۈپ كەتكەن كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى يەنىلا خىتاي ۋە شىنجاڭ بىلەن بولغان ئەسلىمە ۋە باغلىنىشىنى ساقلاپ كەلمەكتە. شىنجاڭدىن كەلگەن جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدۇ. ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن يەرلىك جەمئىيەتكە سىڭمەكتە. ئۇلار چەت ئەلدە، ئەمما ۋەتىنىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن خىتاي مەدەنىيىتىنى تارقىتىدۇ ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئىقتىساد ۋە سودا ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە ئاكتىپ تۆھپە قوشىدۇ. ئۇلار دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ كۆۋرۈكى ۋە ئۇلىنىشى بولۇپ قالدى».
مەزكۇر ماقالىدە يەنە چەت ئەللەردىكى ئاتالمىش «خىتاي مۇھاجىرلىرى» ئاتالغۇسى شەرھلەنگەن بولۇپ، «‹خۇارېن›، يەنى خىتايلىق، دېگەنلىك نوقۇل خەن مىللىتى دېگەنلىك ئەمەس، خىتايلىقنىڭ مەنىسى خىتايدىكى كۆپ مىللەتلىك تەركىب مەنىسىنى بېرىدۇ، ئۇ بەلكى خىتايدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق نامى» دېگەن ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ.
خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكى يۇقىرىقى سەپسەتىلەر، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق ئىنكاسىنى قوزغىدى.
قازاقىستاندىكى «ياۋرو-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا، خىتاي مىللىتى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ھېچقانداق ئېتنىك باغلىنىشى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «خىتاي مۇھاجىرى» دەپ تەرىپلىنىشىنى ھېچقانداق تارىخى ۋە ئىلمىي ئاساسى يوق ئىكەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاندىكى بۇنىڭدىن 150 يىللار ئىلگىرى ئىلى ۋادىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ياكى قەشقەر تەرەپلەردىن پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ ماكانلاشقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان خىتايلىق، ياكى خىتاي مۇھاجىرى دەپ خىتاي مىللىتى بىلەن قانداش ھېسابلىمىغان ھەم ھازىرمۇ ھېسابلىمايدۇ.
ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ سەگەك بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىغا يوشۇرۇنغان سىياسىي غەرەزنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا، 19-ئەسىردە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەرگە كۆچۈشىدىكى تارىخى سەۋەبلەرنىڭ ئاستىن-ئۈستۈن قىلىنىش بىلەنلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى بولمىغان خىتايلار ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە باغلاپ تەشۋىق قىلىنىشى، ھەتتا «خىتاي پۇقراسى»، «خىتاي مۇھاجىرى» دەپ تەرىپلىنىشى تارىخىي رېئاللىق ۋە ئەمەلىيەتكە قەتئىي ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ بىر «سىياسىي غەرەزدىن باشقا نەرسە ئەمەس».
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئىككىسى بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىككى مىللەت، ئۇيغۇرلارنى خىتاي مۇھاجىرى، ياكى خىتايلىق، يەنى خىتايچە «خۇارېن» دېيىش كۈلكىلىك ياسالما بولۇپ، بۇنى ئۆزىگە ئوخشاش 150 يىللار ئىلگىرى ئىلى ۋادىسىدىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدۇ.
قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۇ خىل تەشۋىقاتلارنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە كۈچىيىشىنى، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش سىياسىي غەرىزىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى» دەپ تەرىپلىدى.
قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» يەنى خىتاي ئورتاق ئېتنىك تەركىبى تەشۋىقاتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، بۇندىن يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى ھەم 1930-1960-يىللىرى ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچمەن بولغان ئۇيغۇرلارنى ھەتتا ئىلى، تارباغاتايلاردىن قازاقىستانغا كۆچكەن قازاقلارنى ھەم ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرىنىمۇ «خىتاي مۇھاجىرى» دەپ ئاتىشى ئەنە شۇ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاقلىق ئېڭى سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بۇ ھەم غەرەزلىك بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشىدىكى بىر ۋاسىتىدۇر.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.









