قازاقىستاندا تونۇلغان ناخشىچى، كومپوزىتور ۋە سازەندە ئابدۇلەھەد ئىسلاموف ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2022.04.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
قازاقىستاندا تونۇلغان ناخشىچى، كومپوزىتور ۋە سازەندە ئابدۇلەھەد ئىسلاموف ئالەمدىن ئۆتتى پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ تونۇلغان ناخشىچى، كومپوزىتور ئابدۇلەھەد ئىسلاموف ئەپەندى.
RFA/Oyghan

يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ تونۇلغان ناخشىچى، كومپوزىتور ئابدۇلەھەد ئىسلاموف 63 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 17-ئاپرېل كۈنى شەھەرنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە مەرھۇمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش ۋە خوشلىشىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ باش يىگىت بېشى ئازاد ئىبراھىموف ئابدۇلەھەد ئىسلاموفنىڭ پەقەت ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستاننىڭ سىرتىدىمۇ ياخشى تونۇلغان كومپوزىتور، ناخشىچى ۋە سازەندە ئىكەنلىكىنى، سەنئەت يولىدا خەلق ئۈچۈن ۋە قازاقىستان ئۈچۈن پىداكارانە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر پەرزەنتى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي ئاكادېمىيەلىك ئوپېرا ۋە بالېت تىياتىرىنىڭ مۇدىرى نۇرباقىت بوكېبايېف ئابلەھەت ئىسلاموف بىلەن خوشلىشىش مۇراسىمىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا رەھمىتىنى ئېيتىپ، بۇ مۇراسىمغا مەرھۇمنىڭ رەپىقىسى سۇمباتنىڭ ئىنستىتۇتتا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرى بىلەن كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ئابدۇلەھەد ئىسلاموف بىلەن ئاخىرقى ئون يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە كۆپ ئارىلىشىپ، كۆپلىگەن تىياتىر، سەنئەت مەسىلىلىرىنى بىرلىشىپ مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىنتايىن تالانتلىق سەنئەتكار بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇقاملىرىنى تەتقىق قىلىشقىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكنى، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرى بىلەن ئىككى قېرىنداش خەلق ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى ساقلاپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقىنى بىلدۈردى. قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكا-كومېدىيە تىياتىرى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى ساۋۇتجان سونۇروف بولسا، ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق جامائەتچىلىكى ئىچىدە چوڭ يوقىتىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، يەنى پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىنى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا سەرپ قىلغان ۋە كۆپچىلىككە ياخشى تونۇلغان سەنئەتكاردىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مەرھۇمنىڭ رەپىقىسى سۇمبات غېنىياروۋانىڭ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىس بولسا، قىزى مۇشتەرى ئىسلاموۋانىڭ ياش بولغىنىغا قارىماي، تالانتلىق ناخشىچى سۈپىتىدە كۆپچىلىككە ياخشى تونۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەرھۇم بىلەن خوشلىشىش مۇراسىمىدا يەنە تىجارەتچى ماگېلان شەرىپوف، قازاق دۆلەت سىركىنىڭ مۇدىرى ماقسات ژاىكوف، مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى دراما تىياتىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆزگە چىقىپ، مەرھۇمنىڭ قازاقىستان سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھاسىنى بەردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى، ئەينى ۋاقىتلاردا مەرھۇم بىلەن «ياشلىق» ئانسامبىلىدا بىللە ئىشلىگەن مۇرات ئەخمەدىيېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئابدۇلەھەد بىزگە›ياشلىق‹قۇرۇلۇپ، ›ياشلىق‹›ياشلىق‹بولغان ۋاقىتلاردا كەلگەن. مەن ئۇ ۋاقىتتا بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن مۇدىر بولغان. بۇ 1984-1985-يىللار ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بىز بىلەن فىلىملارنى، پلاستىنكىلارنى چىقىرىپ، ناھايىتى ياخشى ئىشلەپ كەتكەن. ئاساسەن بۇ يىگىت راۋاب، تەمبۈر، داپ، غېجەك قاتارلىقلارنى ئېسترادا مۇزىكىلىرىغا كەلتۈرۈپ چالاتتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يەككە ئورۇندىغان›تاڭ سەھەر‹دېگەن مۇزىكىسى بار ئىدى. شۇنى›تاڭ ساباسى‹دەپ ئورۇندىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆپ داڭقى چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ناخشىنىمۇ ياخشى ئېيتىدۇ. ۋوكاللارغىمۇ) كوللېكتىپ مىللىي ناخشىغىمۇ) قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەككە ناخشىلارنى ئېيتىپ، خەلق ياخشى قوبۇل قىلدى. كېيىن›سىرلىق ئالما‹دېگەن فىلىمگە قاتناشتى. شۇ ۋاقتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن بالىلارنىڭ بىرى ئەنە شۇ ئابدۇلەھەد ئىدى. بۈگۈن ئۇيغۇر ئېسترادا سەنئىتىنىڭ تالانتلىق، شۇ ئېسترادىنىڭ ئىچىدە مىللىي ئاھاڭلارنى ساقلاپ قالغان كومپوزىتور بالىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق».

ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇلەھەد ئىسلاموف 1959-يىلى 12-ئاپرېلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1965-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلىشىدۇ ۋە دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى تامالايدۇ. ئۇ كىچىكىدىنلا خەلق مۇزىكىسىغا قىزىقىپ، بەش يېشىدا ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن دۇتارغا ئىشتىياق باغلىغان ۋە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەشھۇر ئىجراچىلىرىنىڭ ناخشىلىرى يېزىلغان پلاستىنكىنى تىڭشاشنى ياخشى كۆرگەن. ئابدۇلەھەد مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قازاقىستاننىڭ داڭلىق چالغۇ ئەسۋاب ئانسامبىللىرىنىڭ ئىجادىيىتىنى كۆپ ئۈگىنىدۇ. ئۇ دەسلەپتە مەكتەپتە قۇرۇلغان مىللىي ئانسامبىلدا راۋاب، كېيىنچىرەك دوستلۇق مەھەللىسىدە قۇرۇلغان خەلق چالغۇ ئانسامبىلىدا دۇتار ۋە باشقىنىمۇ چالغان. سەككىزىنچى سىنىپتىن كېيىن ئۇ سەمەرقەندتىكى مۇزىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرسىمۇ، لېكىن يەرلىك شارائىتقا كۆنەلمىگەنلىكتىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ. ھەربىي سەپتە خىزمەت قىلىپ يۈرگەن يىللىرى ئۇنىڭ تالانتىنى كۆرگەن رەھبەرلىك ئابدۇلھەدنى ھەربىي ئوركېستىرغا قوبۇل قىلغان. كېيىنكى يىللاردا ئۇ داڭلىق «ياشلىق» ئانسامبىلىدا ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ تالانتىنى تېخىمۇ نامايان قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ پېشقەدەم سەنئەتكارى گۈلباھار ناسىروۋا خانىم ئابدۇلەھەد ئىسلاموفنىڭ دائىم باھارنى كۈيلەپ، ئەل ئارىسىدا داڭقى چىققان بىر سەنئەتكار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «باھارنى مەدھىيەلىگەن سەنئەتكار قايتمايدۇ. ئۇنىڭ ‹بەرگىن خەۋەر› ناخشىسىنىڭ ئۆزىلا باھار چاغلاردا ئۆز سۆيگۈسىنى كۈيلىگەن پۈتۈن بىر سىمفونىيە ئىدى. ئەنە شۇنى ئابدۇلەھەد ئۆزى ئىجرا قىلغان. ئاندىن مەرھۇم پەرىدەم قاسىممۇ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىگە يەتكۈزەلىگەن. ‹سېغىندىڭمۇ› دېگەن ناخشىسى خەلقىمىزنىڭ بۈيۈك ناخشىچىسى ئايتۇرغان ھەسەنوۋانىڭ ئىجراسىدا ۋەتەن ھەم ئۇنىڭ سىرتىدىكى مىليونلىغان سەنئەت شەيدالىرىنىڭ دىللىرىغا ئورناپ كەتتى. ئۇنىڭ ناخشىلىرى بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك ئاز ئىدى. لېكىن كومپوزىتور ئاز بولسىمۇ، ساز يازاتتى. ھەر بىر ناخشىسى دەررۇ خەلق ئاممىسىغا تاراپ كېتەتتى. چۈنكى ئابدۇلەھەد ناخشا يازغاندا شۇ ناخشىنىڭ شېئىرىنى تاللاشنى بىلەتتى. بىز، ئادەملەرنى ئويلاندۇرۇۋاتقان، تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان تالاي-تالاي سوئاللارغا ئەنە شۇ ناخشىلىرى ئارقىلىق جاۋاب ئىزدەپ تاپاتتى».

گۈلباھار ناسىروۋا ئابدۇلەھەد ئىسلاموف ۋاپاتىنىڭ بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولسىمۇ، ئۇنىڭ قىزى مۇشتەرىنىڭ ئاتا ئىزىنى بېسىپ، ئاتا ياققان چىراغنى ئۆچۈرمەي، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ھەمدە ئاتىسىنىڭ ئاياغلاشماي قالغان نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئىشلەپ، سەھنىگە ئېلىپ چىقىدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلدى.

ئابدۇلەھەد ئىسلاموف ساز ئەسۋابىدا ئويناشتىن تاشقىرى يەنە ئۆزىمۇ ناخشا يېزىپ، شۇ ناخشىلىرىنى ئۆزى ئىجرا قىلىش دەرىجىسىگىچە ئۆسكەن. ئۇ مەزكۇر ئانسامبىل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۇنجى «ئوينا، ئوينا!» ناخشىسىنى يازىدۇ. ئابدۇلەھەد ھۈسەنجان جامىنىڭ «تاڭ ساباسى» مۇزىكىسىىنى قايتا ئىشلەپ، ئېسترادا شەكلىدە ئورۇنداشتا يېڭىلىق يارىتىدۇ. بۇ ساز ئەينى چاغلاردا خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز ماھىيىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتماقتا. كېيىنكى يىللاردا ئابدۇلەھەد ئىسلاموف «رىۋايەت»، «ئار-كۇلۇب»، «يۇلتۇز» قاتارلىق گۇرۇپپىلار، شۇنىڭدەك قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تونۇلغان ئارتىسلىرى، كومپوزىتورلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىقتا ئىشلەپ، «يول بولسۇن»، «ئۇيغۇرنىڭ كېلىنلىرى»، «مۇشتەرى» قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشىلارنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ شۇنداقلا خەلق ئىستىلىدىكى مۇزىكا ۋە ناخشىلارنى يېزىش بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، بۇ جەرياندا «سېغىندىڭمۇ»، «ئۆمۈر يول» ناخشىلىرى يېزىلىدۇ. 1995-يىلى «خەلقىم سالام» ۋىدېيو ئەسىرى، 2005-يىلى تۇنجى قېتىم «بەرگىن خەۋەر»، «سېغىندىڭمۇ؟»، «سۇ پەرىسى»، «خەلقىم سالام» غا ئوخشاش داڭلىق ناخشىلىرى كىرگەن «ھېسسىيات» ناملىق يەككە ئالبومى ۋە باشقىمۇ ئەمگەكلىرى نەشر قىلىنىدۇ. ئابدۇلەھەد ئىسلاموف كېيىنكى يىللاردا بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ساتس نامىدىكى دۆلەت ئامكادېمىيەلىك رۇس تىياتىرىدا ۋە ئالمۇتادىكى قازاق دۆلەت سېرك ئۆمىكىدە ئاۋاز رېژىسسورى بولۇش ئىشلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.