قازاقىستان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ «ياش تالانتلار!» فېستىۋالى مىللىي كىملىكنى قوغداشنى نىشان قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.05.15
Tuzdibastav-yezisida-otken-hoshshere-yash-talantlar.jpg تۇزدىباستاۋ يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ياش تالانتلار!» فېستىۋالىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىل 12-ماي، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان باشقا مىللەتلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى، تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا. ھازىر، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتى كېتىپ بارغان بىر مەزگىلدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋە ياش ئەۋلادلارنى مىللىي روھتا تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. يېقىندا قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەتلىك فېستىۋال شۇنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر.

12-مايدا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەسىگە قاراشلىق تۇزدىباستاۋ يېزىسىنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر مەرىپەتچىسى ھېبىبۇللام قاھاروف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان «ياش تالانتلار!» تېمىسىدا 20-فېستىۋال بولۇپ ئۆتتى. ئۇنى تالغىر ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە تۇزدىباستاۋ 31‏-ئوتتۇرا مەكتىپى ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋە تالغىر ناھىيەلىك بىلىم بېرىش بۆلۈمى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. مەزكۇر پائالىيەتكە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر، پانفىلوف، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيەلىرىدىكى مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى بولۇپ 500 دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشقان.

ھېبىبۇللام قاھاروفنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئەمگەك پائالىيىتى بويىچە دوكلات قىلىنغاندىن كېيىن سۆزگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف فېستىۋال قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئەڭ بەختلىك بالىلار ئىكەنلىكىنى، ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ فېستىۋالنىڭ تۇنجى قاتناشقۇچىلىرىغا ھەم بۇنىڭدا ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسەتكەن شەخسلەرگە پەخرىي يارلىق ۋە سوۋغىلار تاپشۇردى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش قىسمىدا سۆزلىگەن گۈلدالا 21-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇئان ئايتبايېف، تۇزدىباستاۋ 31-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قارلىغا سەدۋاقاسوۋا ۋە باشقىلار بۇ مۇراسىمنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭ تەشەببۇسكارى ۋە باش ھامىيسى مەخسەتجان قاھاروفقا مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى ھەمدە ياش تالانتلارغا ئاق يول تىلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەت بولۇپ، ئۇيغۇرلار باشقا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، يەنى قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستاندا ياشاۋاتقان قانداشلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەكتەپلىرىگە، مەتبۇئاتىغا، ئەدەبىياتىغا، ئاكادېمىيە دەرىجىدىكى تىياتىرىغا ئىگە ئىكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن مەزكۇر مەركەز ئەتراپىغا توپلىنىپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەركەزدە ھەر خىل كېڭەشلەر بار. مۇشۇنداق يۆنىلىشلەر بىلەن بىر قاتار ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمىز. ئېلىمىزنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مىللىي سىياسىتى تۈپەيلى بىز كۆپلىگەن ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردۇق. شۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى، يەنى تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ياخشى ئامىلى، جان-تومۇرىمىز بولغان مىللىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدۇر. بۇ، بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنىڭ ئاساسىي كۈچ-قۇدرىتى. شۇنداقلا مىللىي مەتبۇئاتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

يېرشات ئەسمەتوف يەنە باشقىمۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى بار مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتۈۋاتقان يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ تەۋەللۇتلىرى، ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ 100 يىللىقى، ئاتۇ پاجىئەسىنىڭ 100 يىللىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچۈشى ئوخشاش پائالىيەتلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. مۇشۇنىڭ ھەممىسى مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئامالى دەپ ھېسابلايمەن. ئېنىق مىسال ‹ھوششەرە، ياش تالانتلار! › فېستىۋالىدۇر.»

ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق مالىۋاي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنى مۇئەللىمى ئارزۇگۈل ئابدرىموۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، فېستىۋال قاتناشقۇچىلىرى «بىلىم»، «شاھمات»، «ئىلمىي لايىھە»، «تەسۋىرىي سەنئەت»، «شېئىرنى ئىپادىلىك ئوقۇش»، «لەپەر ئىجرا قىلىش»، «قول ھۈنەر»، «مىللىي ساز»، «مىللىي ناخشا»، «مىللىي يەككە ئۇسسۇل» ئوخشاش كۆپلىگەن بۆلۈملەر بويىچە مۇسابىقىگە چۈشكەن.

ئارزۇگۈل ئابدرىموۋا مەزكۇر فېستىۋالنىڭ مىللىي كىملىكنى ساقلاشنى ۋە تەرغىب قىلىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ فېستىۋالدا ماڭا بەك ياققىنى بىلىم بۆلۈمى. بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىدا، ئىنگلىز تىلىدا، مەملىكەتلىك قازاق تىلىدا سۆزلەشلىرى يۇقىرى دەرىجىدە بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، فېستىۋال يۇقىرى دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان. نۆۋەتتىكى 21-فېستىۋالنى ئۆتكۈزۈش مالىۋاي يېزىسىغا بېرىلدى. بۇ فېستىۋالنىڭ يەنە بىر ئەھمىيىتى شۇنىڭدىكى، ئۇ پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا بىزدە مۇئەللىملەر يىغىلىشى، قابىلىيەتلىك ئوقۇغۇچىلار مۇسابىقىسى، يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئىلمىي ئىشلار فېستىۋالى، ئابدۇمېجىت دۆلەتوف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان ئەدەبىي كەچ ئوخشاش كۆپلىگەن فېستىۋاللار ئۆتكۈزۈلدى.»

تۇزدىباستاۋ يېزىسىدا ئۆتكەن «ياش تالانتلار!» فېستىۋالى غالىبلارنى مۇكاپاتلاش بىلەن ئاياغلاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، مەسىلەن، باش مۇكاپاتلارغا بىلىم بۆلۈمى بويىچە ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ مەشۈر جەلىلوف نامىدىكى كەتمەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شاھسەنەم ئىسكالىنوۋا، مىللىي ساز بۆلۈمى بويىچە يەنە شۇ ناھىيەنىڭ داردامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىسى شىئار جەرىپوف ئېرىشكەن. ئالدىنقى ئورۇنلارنى ئالغانلار شۇنداقلا ھېبىبۇللام قاھاروف نامىدىكى مەخسۇس مېدال، لوڭقا ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن ماددىي ۋە مەنىۋى سوغىلار بىلەن تەقدىرلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.