ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.09.12
Yavropa-bikheterlik-ve-hemkarliq-qazaqistan-1.jpg ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 6-سېنتەبىر، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان قازاقىستان ھۆكۈمىتى قازاق تىللىق مەكتەپلەردىن تاشقىرى يەنە ئۆزبېك، تاجىك ۋە ئۇيغۇر تىللىق مىللىي مەكتەپلەرنىڭ راۋاجلىنىشىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسا، خەلقئارا تەشكىلاتلار مەزكۇر مىللىي مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قازاقىستان بىلىم بېرىش سىستېمىسىدىكى ئورنىنى، راۋاجلىنىش يۆنىلىشلىرىنى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلماقتا.

يېقىندا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى ئالمۇتا شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى. مەزكۇر ۋەكىللەر تەرىپىدە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى بويىچە ئالىي كومىسسارى لامبېرتو زانىيېر، تەشكىلاتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى بويىچە ئىشخانىسى قارمىقىدىكى شەرقىي ياۋروپا، ئاسىيا ۋە بالتىق مەملىكەتلىرى باشقارمىسىنىڭ رەھبىرى بوب دىن ۋە باشقىلار بولدى. ۋەكىللەر بىلەن بىرگە شۇنداقلا ئالمۇتا شەھىرىدىكى «ئۆرلېۋ» مىللىي كەسىپنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەركىزى خادىملىرىمۇ بولدى. ئۇچرىشىشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مەكتەپ مەمۇرىيىتى، مۇئەللىملەر ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.

ئالدى بىلەن ۋەكىللەر ئۆمىكى مەكتەپنىڭ يېڭىلانغان بىناسىنى، شۇ جۈملىدىن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ 1000 يىللىق تەۋەللۇتى ھارپىسىدا ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەكتەپ كۇتۇپخانىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇچرىشىشنى گىمنازىيە مۇدىرى، ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭەش ئەزاسى شاۋكەت ئۆمەروف ئېچىپ، مېھمانلارنى تونۇشتۇردى. ئاندىن سۆزگە چىققان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى بويىچە ئالىي كومىسسارى لامبېرتو زانىيېر ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى مەزكۇر بىلىم دەرگاھىنىڭ قازاقىستاندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىلىم بېرىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئۈلگە بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە مەكتەپ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ئەمگىكىنى يۇقىرى باھالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مەكتەپنىڭ چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە سۆزگە چىققان مەكتەپ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن بارلىق شارائىتلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش لايىھەسى ئارقىسىدا 2009-يىلى مەزكۇر مەكتەپتە كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش سىستېمىسىنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. شاۋكەت ئۆمەروف بۇ جەھەتتە بۈگۈنكى ئالەمشۇمۇل زاماندا رىقابەتكە تاقابىل تۇرالايدىغان بىلىملىك ياشلارنى تەربىيەلەشنىڭ باش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەكتەپنىڭ ياخشى كۆرسەتكۈچلەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇچرىشىشتا سۆزگە چىققان «ئۆرلېۋ» مىللىي كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەركىزىنىڭ رەئىسى گۈلناس ئاخمېتوۋا، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف، «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروف ۋە باشقىلار گىمنازىيەنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرى، قازاقىستاندا بىلىم بېرىش سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى بويىچە ئالىي كومىسسارى لامبېرتو زانىيېر ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شۇنى ئېيتقۇم كېلىدۇكى، بۇ ئىنتايىن ياخشى مەكتەپ. راستىنى ئېيتسام، بىلىم بېرىشتا تۆت تىلنى بىرلەشتۈرۈش ئىنتايىن قىيىن. ئەمما بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلى سۈپىتىدە، ئەينەن ساقلىنىپ قېلىشى مۇھىمدۇر. بىز كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش لايىھەسىدە قازاقىستاندا 8 ئۇيغۇر مەكتىپى بىلەن ئىشلەۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، مەزكۇر مەكتەپ بۇ لايىھەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن ئۈلگىلىك ۋە قىزىقارلىق مەكتەپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن».

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بولغان قىزىقىشى قاچان باشلاندى؟

ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، قازاقىستاندىكى پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى باشقىمۇ دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەكتەپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دائىم نازارىتىدە ئىكەن.

شاۋكەت ئۆمەروف مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلىۋاتقىنى، شۇ مەكتەپلەردە ئانا تىلىنىڭ دائىرىسى قانچىلىك، ئۇ قانداق تەرەققىي ئېتىۋاتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە ئىشلار قىلىنىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، شۇ مىللەتلەرنىڭ دۆلەت تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈشى قانچىلىك دەرىجىدە. قازاقىستاندا كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش ئۇسۇلى 2008-يىلى بىرىنچى پرېزىدېنتىمىز نازاربايېف نۇرسۇلتان تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىندى. شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ بۇ داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پروگراممىسى بولغانلىقتىن، ئۇلار بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ.»

كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ راۋاجلىنىشىغا سەلبىي تەسىرى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟

شاۋكەت ئۆمەروف يەنە مۇنداق دېدى: «ئانا تىلى قانچىلىك دەرىجىدە تەرەققىي ئېتىۋاتىدۇ؟ ئانا تىلىدا دەرسلىكلەر بارمۇ؟ كۆپ تىللىقنى قانداق كىرگۈزدۈڭلار دېگەن سوئاللار قويۇلدى. بىزنىڭ لايىھەمىزمۇ، قىلىۋاتقان ئىشىمىزمۇ شۇ، يەنى ئانا تىلى ئاساسىدا كۆپ تىللىقنى راۋاجلاندۇرۇش. بارلىق پەنلەر بىزدە 100 پىرسەنت ئانا تىلىدا ئۆتۈۋاتىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم پەنلەر ئانا تىلى ۋە قوشۇمچە دۆلەت تىلى ئۇسۇلىدا ئۆتىدۇ.»

شاۋكەت ئۆمەروف شۇنداقلا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تارىخىنى ئوقۇتۇش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى 60 تىن ئوشۇق مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئانا تىلىدىكى دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلىنىدىكەن. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پېنى بويىچە ئوقۇش قوراللىرى ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتورلىرى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، قالغان دەرسلىكلەر رۇس ۋە قازاق تىللىرىدىن تەرجىمە قىلىنىدىكەن. ئوقۇش قوراللىرىنى نەشر قىلىشقا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىلماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.