قازاقىستان ئۇيغۇر مەكتەپلىرى مۇزېيلارنى قۇرۇپ ياش ئەۋلادلارغا مىللىي روھنى تەرغىب قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.10.06
Ismayil-tayirof-namidiki-ottura-mektep-3.jpg

ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تارىخقا بېغىشلانغان مۇزېيىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 3-ئۆكتەبىر، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

Ismayil-tayirof-namidiki-ottura-mektep-2.jpg

ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تارىخقا بېغىشلانغان مۇزېيىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 3-ئۆكتەبىر، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

Ismayil-tayirof-namidiki-ottura-mektep-1.jpg

ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تارىخقا بېغىشلانغان مۇزېيىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 3-ئۆكتەبىر، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

Abdulla-Rozibaqiyef-namidiki-1.jpg

ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە مەكتەپ تارىخىغا بېغىشلانغان مۇزېينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 3-ئۆكتەبىر، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

Abdulla-Rozibaqiyef-namidiki-4.jpg

ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە مەكتەپ تارىخىغا بېغىشلانغان مۇزېينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 3-ئۆكتەبىر، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

Abdulla-Rozibaqiyef-namidiki-3.jpg

ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە مەكتەپ تارىخىغا بېغىشلانغان مۇزېينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 3-ئۆكتەبىر، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

Abdulla-Rozibaqiyef-namidiki-2.jpg

ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە مەكتەپ تارىخىغا بېغىشلانغان مۇزېينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 3-ئۆكتەبىر، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ياش ئەۋلادلارغا بىلىم بېرىپلا قالماي، ئۇلارنى مىللىي روھتا تەربىيەلەش ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىدا مەملىكەتتە ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرنىڭ، شۇ جۈملىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز بالىلىرىنى مىللىي روھتا تەربىيەلىشىگە مۇمكىنچىلىكلەر بېرىلگەن. ئەنە شۇنداق مەقسەتتە يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە مەكتەپ تارىخىغا بېغىشلانغان مۇزېينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.

كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بىخەتەرلىك چارىلىرىنى ساقلاش مەقسىتىدە مەزكۇر مۇراسىمغا 30 ئەتراپىدا ئادەم، شۇ جۈملىدىن زىيالىيلار، مەھەللە تۇرغۇنلىرى ۋە مەكتەپ كوللېكتىپى قاتناشتى. مۇراسىم رىياسەتچىسى مەزكۇر مۇزېينى ئېچىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ھازىرقى ۋە كېلەچەك ئەۋلادلارنى ئۆزلىرى بىلىم ئېلىۋاتقان مەكتىپىنىڭ تارىخىنى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى، ئۇستازلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ئەمگەكتىكى ۋە ئوقۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا مەزكۇر ۋەقەنىڭ «مۇئەللىملەر كۈنى» بايرىمى ھارپىسىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاتاپ، پۈتكۈل مۇئەللىملەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

مۇراسىم بېشىدا گىمنازىيەنىڭ سابىق مۇدىرى ھېنىپاخۇن باراتوفنىڭ رەپىقىسى فليۇرا باراتوۋا، پېشقەدەم پېداگوگلار مەملىكەت ئالىموۋا ۋە زېرىپ مولوتوفلار مۇزېينىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى ھەم ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپ تارىخى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاندىن سۆزگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ سابىق ئەزاسى مارس باتتالوۋ، پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى يېمېليان ھوشۇروف، پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ دوكتورى مۇنەۋۋەر يۇنۇسوۋا ۋە باشقىلار يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي مائارىپىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى مەسىلىلىرى، دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ ھەم مەزكۇر مەكتەپنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئۇتۇقلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىن يېتىشىپ چىققان ئاتاقلىق شەخسلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى. ئۇلار ۋە گىمنازىيە كوللېكتىپى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروفنىڭ ئەمگىكىنى يۇقىرى باھالىدى.

قازاقىستان مائارىپىنىڭ ئەلاچىسى، پۈتكۈل ھاياتىنى مىللىي مائارىپقا بېغىشلىغان مەملىكەت ئالىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇن 86-مەكتەپ يېنىدا ئۈچ ئۇيغۇر سىنىپى ئېچىلغان ۋاقتىدا يۇرتۇم قانچىلىك خۇشال بولغان بولسا، مانا بۈگۈنكى كۈندە دۇنياغا ئېتى تارالغان مەكتەپ-گىمنازىيەدە مۇشۇ مۇزېينىڭ ئېچىلىشى، يۇرتۇمنىڭ تارىخىنىڭ يېزىلىشىنىڭ ئۆزى مېنىڭ ئۈچۈن بەخت. كۆپ نەرسىلەرنى ئەستىن چىقىرىپ قويدۇق. بىراق، بولغىنىچە يېزىشقا تىرىشتۇق. مۇشۇ يېزىدا ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىتىنى ياخشى كۆرگەچكە دەپ ئويلايمەن، بالىلىرىنى ئۇيغۇر مەكتىپىگە بېرىپ، ئانا تىلىنى ساقلاپ، رايون بويىچە ئەمەس، پۈتۈن جۇمھۇرىيەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنەرلىك مەكتەپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى».

مۇراسىم ئاخىرىدا سۆزگە چىققان ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف مۇزېينىڭ ئېچىلىش سەۋەبلىرى، توپلانغان ماتېرىياللارنىڭ يۆنىلىشلىرى ۋە مەزمۇنى، مەكتەپ تارىخى ھەم ئۇنىڭ تىكلىنىشىگە تۆھپە قوشقان پېداگوگلار، مەكتەپ مۇئەللىملىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇتۇقلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ شۇنداقلا مەكتەپ تارىخىنى شۇ مەكتەپ ئورۇنلاشقان يۇرتنىڭ تارىخىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئىلگىرىكى «درۇژبا»، ھازىرقى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە مەشھۇر دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان پېداگوگ، مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى زېرىپ مولوتوف ئەپەندى گىمنازىيەدە ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى مۇزېينىڭ بۇرۇندىن ئىشلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇنىڭ يېڭىلىنىپ، قايتىدىن ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مەكتەپ تارىخىغا بېغىشلانغان مۇزېينىڭ ئېچىلىشىنىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۈچۈن چوڭ بىر يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھازىرقى مەلۇماتلار بويىچە، 1960-يىلى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن چىققان بىر توپ مىللەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن 86-مەكتەپنىڭ يېنىدا ئۇيغۇر سىنىپلىرى ئېچىلغانىدى. ئۇ 1964-يىلى ئۆز ئالدىغا سەككىز يىللىق مەكتەپ بولۇپ، بۆلۈنۈپ چىققان. مەن 1967-يىلى مۇشۇ مەكتەپكە كەلگەندە بىزدە بارى-يوقى 180 ئوقۇغۇچى بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، بىر يېرىم مىڭدىن ئوشۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا بۇ يەردە ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تايىروف، ماگازى ماسانچى، ئوراز جاندوسوفقا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئىستالىن كولخوزى، گورنىي گىگانت، دۆڭمەھەللە، زاريا ۋوستوكا ئوخشاش مەھەللىلەر قۇرۇلغانىكەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يەردە ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدا كوممۇنا بولغانىكەن. 1934-يىلى مۇشۇ يېزىدا ئۇيغۇر مەكتىپى ئېچىلغان».

زېرىپ مولوتوف بۈگۈنكى كۈندە دوستلۇق مەھەللىسىدىكى مەزكۇر ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى گىمنازىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت بويىچە ئەڭ ئۈلگىلىك مەكتەپلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، «يۇنېسكو، يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ تىزىمىدىكى مەكتەپلەر» قاتارىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر بالىلىرىنى مىللىي روھتا تەربىيىلەش ئىشلىرىغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ۋىلايىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان باشقىمۇ تازا ئۇيغۇر ۋە ئارىلاش تىللىق مەكتەپلەردىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتىكەن. بىز ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىغا ئورۇنلاشقان ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مېتودىكا بويىچە ئورۇنباسارى مېرۋانەم ھەمرايېۋا بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

مېرۋانەم ھەمرايېۋا خانىم مەكتەپ مۇزېيىنىڭ 1994-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مىراسگاھنىڭ ئىچىدە قويۇلغان بۇيۇملارنى توپلاشقا پۈتكۈل يۇرت بولۇپ بىرلىشىپ، پائال قاتناشقان. بۇ بۇيۇملار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھايات-تۇرمۇشى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىن دېرەك بېرىدۇ. مىراسگاھ بۇيۇملىرى تۆت بۆلۈم بويىچە تىزىلغان. بۇلار؛ تارىخ، ئۆلكەتونۇش، مەدەنىيەت، سەنئەت بۆلۈمى دەپ ئاتىلىدۇ. بىرىنچى بۆلۈمدە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ كونا دەۋردە قوللانغان تارىخىي زاتلار قويۇلغان بولسا، ئىككىنچى بۆلۈمدە ئۆز يۇرتىمىزنىڭ تارىخى، ئۈچىنچى، مەدەنىيەت بۆلۈمىدە يېزا ۋە مەكتەپ ھاياتىغا پائال ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان يۇرتداشلارنىڭ سۈرەتلىرىنى تېپىشقا بولىدۇ. سەنئەت بۆلۈمى يۇرتىمىزدىن يېتىلىپ چىققان ئاتاقلىق رەسساملار ئاۋاكرى شەمسى، ھاكىمجان گۇلىيېف، جالالىدىن رىزايدىنوف كەبى موي-قەلەم ئىگىلىرىنىڭ سۈرەت گاللېرېيەسىدىن تەركىب تاپقان.»

ئۇ يەنە مەزكۇر بۆلۈمدە قازاقىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ سوغا قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇزېينى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىنتايىن باي مەلۇماتلارنى ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، مۇنداق شەكىلدىكى مۇزېيلار ئالمۇتا شەھىرىدىكى مەسىم ياقۇپوف، مۇرات ھەمرايېف، شۇنداقلا ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى بىلال نازىم، خېلىل ھەمرايېف، ئىلىيا بەختىيا، ئىسمائىل ساتتاروف، جامالىدىن بوساقوف ۋە باشقىمۇ مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلىرى نامىدىكى مەكتەپلەرگىمۇ ئورۇنلاشقانىكەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.