ئالمۇتادىكى ئۇيغۇرلار قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-12-17
Share

قازاقىستان مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى يىللاردىن ئېتىبارەن مەملىكەتتە ياشاۋاتقان باشقا نۇرغۇن مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارمۇ ھەر يىلىنىڭ 16-17-دېكابىر كۈنلىرىنى مىللىي بايرام سۈپىتىدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى 15-دېكابىردا ئالمۇتا شەھىرىدىكى دوستلۇق ئۆيىدە بولۇپ ئۆتتى. مۇستەقىللىق كۈنىگە بېغىشلانغان بۇ تەنتەنىلىك مۇراسىمغا ھەر خىل ناھىيەلەردىكى يۇرت ئاكتىپلىرى، زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف كۆپچىلىكنى مىللىي بايرام بىلەن قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ قازاقىستاننىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ساھەلىرىدە يەتكەن ئۇتۇقلىرىغا، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە شۇنداقلا بىر قاتار ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەنلىكىگە تەشەككۈر بىلدۈردى. ئۇ مۇستەقىللىقنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئۆزبېكىستانلىق مېھمان، ئۆزبېكىستان خەلق رەسسامى لېكىم ئىبراھىموف ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئالاقىلىرىنى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەر ساھەدىكى ئۇتۇقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن مۇستەقىللىق نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى بەردى؟

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زىھرۇللام قۇرۋانباقىيېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى قازاقىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ ‹مىللىي بايرىمى› دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىشقا ياخشى شارائىتلار يارىتىلدى. بىزدە چوڭ خوشاللىقلار بار. جۇمھۇرىيەتلىك ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› گېزىتىنىڭ مۇشتەرىلەر سانى تۇنجى قېتىم 18 مىڭغا يەتتى.»

زىھرۇللام قۇرۋانباقىيېف يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەكتەپلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنمۇ تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىدا ئۇيغۇر كادىرلىرىنى تەييارلايدىغان بۆلۈمنى قايتا تىكلەش ئۈچۈنمۇ ئىشلارنىڭ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بارلىقىنىڭ شايمەردان نۇرۇموف يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى ئەتراپىغا توپلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىنىڭ، ئىتتىپاقلىقىنىڭ يارقىن دەلىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروف ئەپەندى يۇرت ئاكتىپلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كۆتۈرۈشكە سالماقلىق تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «كېيىنكى ۋاقىتتا ئانا ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتقان ئىشلار ناھايىتى ئېغىر. مەن ئۇيغۇر دېگەن ئادەم يۈرىكىدە يىغلاۋاتىدۇ. قازاقىستاندا مەكتەپلىرىمىز، گېزىتىمىز، تىياتېرىمىز بار. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىدىغان ئاساسىي ئىشى مۇشۇ بار نەرسىلەرنى ساقلاپ قېلىش. ھەممىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ ئازاد بولۇشىدۇر. شۇ ۋاقتىدا بىزنىڭ بىلىملىك بالىلىرىمىز، مەدەنىيىتىمىز، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز كېرەك بولىدۇ، دەپ ئويلايمىز.»

ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ غەيرەت يېزىسىدىكى ئىسمائىل ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېداگوگ-ئۇيۇشتۇرغۇچىسى، شائىر ئابدۇلجان ئازنىباقىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر يىغىندا ئالىملار، يازغۇچىلار، يۇرت ئاكتىپلىرى، تەنھەرىكەتچىلەر، مۇئەللىملەر ۋە باشقىلار مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مېداللىرى ۋە پەخرىي يارلىقلىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار قازاقىستاننىڭ بارلىق ساھەلىرىگە بىر كىشىلىك ئۈلۈش قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە ۋەتەن سۆزى ئۇلۇغ چۈشەنچە. ئۇنى ھەر بىر قازاقىستانلىق ياخشى چۈشىنىدۇ. قازاق خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى كۈرەشلىرى بۈگۈنكى ئەۋلادقا تارىخ ۋە ساۋاق. بۇ كۈرەش قازاقىستان تارىخى سەھىپىلىرىدە ئالتۇن ھەرىپلەر بىلەن يېزىلدى. بۇنى ئۇيغۇرلارمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ. چۈنكى بىزمۇ ئۆز ۋاقتىدا قۇدرەتلىك بىر ئەل بولغان. بۈگۈنمۇ ئۇنىڭ ئىزناسى ئۆچكىنى يوق.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى سەيىدئالىم ئامۇتوف ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزەلدىن مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئېرامىزدىن ئىلگىرى 4-ئەسىردە ياشىغان گرېك پەيلەسوپى سىمونىد كىئوسسكىي ‹ئىنسان بالىسى تۇغۇلۇپ، بەختلىك بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋۋال ۋەتىنى بولۇش كېرەك› دېگەن ئىكەن. مەن قازاقىستاندا تۇغۇلغان. مېنىڭ ۋەتىنىم-قازاقىستان. بىزگە ھېچ قانداق توسالغۇلۇق يوق. ئەمما مەن ئۇيغۇر. تارىخىي ۋەتىنىم ئۇيغۇرىستان. ئاخىرقى يىللاردىكى ھەددىدىن ئاشقان كوممۇنىست خىتاينىڭ بىزگە قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا لەننەتلەر ئوقۇيمەن. ئەمما ھۆرلۈككە چوقۇم يېتىمىز. شۇنىڭغا مەن ئىشىنىمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا نوپۇس جەھەتتىن 5-ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇيغۇرلار 2014-يىلقى رەسمىي ساناق بويىچە، 246777 گە يەتكەن. ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيەلىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇيغۇرلار جەنۇبىي قازاقىستاندا ۋە جامبۇل ۋىلايىتىدە ياشاپ، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ كەلمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.