زور كۈچلەر ئارىسىدا: مەنپەئەتلەر ئاساسىدىكى قازاقىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.01.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Kassym-Jomart-Tokayev-qasim-jomart-toqayef-shi-jinping.jpg قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ توختامغا قول قويماقتا. 2019-يىلى 11-سېنتەبىر، بېيجىڭ.
AP

خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتى ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئېھتىياجنى چۆرىدىگەن ھالدا راۋاجلىنىش بىلەن بىرگە سىياسىي جەھەتتىكى بىر قاتار يېڭى يۈزلىنىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى قازاقىستاننى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېقىندى ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش بولۇپ، ئۆتكەن ئون يىللىق ئىقتىسادىي مۇئامىلە جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى بەكمۇ ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇ بولسا ماھىيەتتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ غايەت زور دەرىجە پەرقى ھاسىل قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇشىنى بەلگىلىگەن.

«تەبىقە تۈزۈمى» گە مېڭىۋاتقان خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتى

خىتاينىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل-مۇئامىلە ئالاقىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ خىتاي ئىقتىسادىنى قازاقىستان تەۋەسىدە ئوبوروتقا سېلىشى ئاخىرىدا قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ مۇتلەق خىتاي ئىقتىسادىغا بېقىندى بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دوكتۇر سايمون رىچ (Simone Rich) نىڭ كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى دەل مۇشۇ خىل «تەبىقە تۈزۈمى» شەكلىنى ئالغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە بېغىشلانغان.

دوكتۇر سايمون رىچنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي بېقىندىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان بولغاچقا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ماھىيەتتە قازاقىستان ھۆكۈمىتى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان شەكلىدە داۋام قىلىپ كەلگەن. بۇ خىل بېقىندىلىق تۈپەيلىدىن قازاقىستان تەۋەسىدىكى تەبىئىي بايلىقنى قېزىش پۈتۈنلەي خىتاينىڭ خاھىشى بويىچە ئىشقا ئېشىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى ليۇ شياۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيا ئېيتقان «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا قۇدرەت ۋە بايلىق بار. ھازىر ئۇلار سېتىۋالالمايدىغان ھېچنەرسە يوق» دېگەن سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغان. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي قۇۋۋەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى دىپلوماتىيە سىياسىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

خىتاينىڭ قازاقىستان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكى، ئەڭ زور قەرز بەرگۈچى ۋە چەتئەل مەبلىغىنى ئېلىپ كىرىشتىكى ئەڭ چوڭ مەنبە بولۇشىغا سېلىشتۇرغاندا قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان سودىسى خىتاي ئۈچۈن تىلغا ئالغۇدەك قىممەتكە ئىگە ئەمەس. بۇ سودىنىڭ مىقدارىنى خىتاينىڭ ياپونىيە ياكى ئامېرىكا بىلەن بولىدىغان ئۆزئارا موھتاجلىق ئاساسىدىكى سودىسىغا سېلىشتۇرۇش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي پۈتۈنلەي ئىككى تەرەپ سودىسىنى ئىجرا قىلغۇچى ۋە ئۇنى قارار قىلغۇچى، قازاقىستان بولسا بۇنىڭغا ئەگەشكۈچى ۋە بويسۇنغۇچى بولۇپ قالغان. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەبىئىي رەۋىشتە قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى قېزىش ۋە ئىككى تەرەپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتقان سۇ بايلىقىنى كونترول قىلىشنى ئۆز پايدىسىغا قاراپ ماڭدۇرالىغان. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق قازاقىستاننى ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىپ بولغان. دوكتۇر سايمون رىچ بۇ ئەھۋالنىڭ ماھىيەتتە مانجۇ ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىلا كەڭ قوللىنىلغان «ئولپان سىستېمىسى» نىڭ تەكرارلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ خىل سىستېمىدا خىتاينى دۇنيا تەرتىپىنىڭ مەركىزى، دەپ ئېتىراپ قىلغان قوشنا رايونلار ئىمپېرىيە بىلەن سودا قىلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن ھەمدە بۇنىڭدىن زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ «ئولپان» نامىدا تاپشۇرغان سوۋغاتلىرى ئىمپېرىيە تارىخنامىلىرىدە بۇ جايلارنىڭ خىتايغا بويسۇنغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە خاتىرىلەنگەن.

دەرۋەقە قازاقىستان ھۆكۈمىتىمۇ بۇ خىل رېئاللىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا بېقىنىپ قېلىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش، ھېچ بولمىغاندا ئۇنى مۇئەييەن دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بەزى دىپلوماتىك چارىلارنى ئىشقا سالغان. «ئامېرىكا ئۇرۇش ئىنستىتۇتى» نىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى زېنېل گارسىيا (Zenel Garcia) نىڭ قارىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا تايىنىپ قېلىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن «كۆپ قۇتۇپلۇق دىپلوماتىيە ئويۇنى» نى بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ تاللىۋالغان. بۇنىڭدا ئۇلار خىتايدىن باشقا يەنە رۇسىيە، تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەنمۇ بەلگىلىك ئالاقە ئورنىتىپ، بۇلار بىلەن كۆپ بۇلۇڭلۇق مۇناسىۋەت تورى قۇرۇپ چىققان. نۆۋەتتە خىتاي، رۇسىيە ۋە غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك ۋەزىيىتى ئۆز نۆۋىتىدە قازاقىستاننىڭ بۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن بۇ جەھەتتە ئۇلارنى بەك چوڭ ئۇتۇق قازىنىپ كەتتى، دېيەلمەيمەن. 1991-يىلىدىكى ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولسىڭىز شۇ ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىقتىسادىي جەھەتتە بەكلا ھالىدىن كەتكەن ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇ ۋاقىتلاردا چەتئەل مەبلىغى دېگەنلەرمۇ يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. ئۇلارغا مىراس قالغان ھۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى رۇسىيەگە چېتىشلىق ئىدى. ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر بازار قىلىدىغان جايىمۇ رۇسىيە بولۇپ قالغان ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ جاي قۇرۇقلۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغانلىقى، دۇنيا بازىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە باغلىنىدىغان بىرەر يولى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قازاقىستان ھۆكۈمىتى كۆپ قۇتۇپلۇق دىپلوماتىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە يېگانە ھالدا رۇسىيەگە باغلىنىپ قېلىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇندى. ئۇلار خىتاينى بۇ رايونغا ئېلىپ كىرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ بازىرىغا ۋە خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىگە بولماقچى بولدى. خىتايمۇ بۇ جەھەتتە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى پورتلىرىنى ئارىيەتكە بەرمەكچى بولدى. قازاقىستان بولسا ئۆزىنىڭ ئېكسپورت ماللىرىنى خىتاي تۆمۈريولى ئارقىلىق شەرقىى خىتاي تەۋەسىگە يۆتكەش، ئاندىن بۇ پورتلار ئارقىلىق غەرب دۇنياسىغا ئېكسپورت قىلماقچى بولدى. قازاقىستان خىتاي ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بەك مۇھىم بولغاچقا خىتاي ھۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا غايەت زور مەبلەغ سالدى. بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بىريەردە قالدى. بولۇپمۇ نەزەربايېف ھوقۇق تۇتۇۋاتقان مەزگىللەردە ئۇ ئالايىتەن ئاق ساراينى زىيارەت قىلىپ ئ‍ۇلارنى قازاقىستان تۆمۈريولىغا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرماقچى بولغان. ئەمما بۇ ئىشنىمۇ خىتاي ئۈستىگە ئېلىۋالدى. 90-يىللاردا ئۇلار رۇسىيەگە بېقىنىپ قالغان بولسا ھازىر ئۇلار خىتايغا بېقىنىپ قېلىۋاتىدۇ».

ۋىلسون مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىلدېر سانچېز (Wilder Sanchez) نىڭ پىكرىچە، نۇرسۇلتان نەزەربايېف ۋە قاسىم جومارت توقايېفنىڭ ئاقساراي بىلەن سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىشلىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارىنى ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا ئېلىپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان. ئەمما ئاقساراينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قىزىقماس بولۇپ قېلىشى تۈپەيلىدىن خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۆزلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ كەلگەن. شۇڭا بۇ جەھەتتە قازاقىستان بۇ ئىككىسىنىڭ تەسىرىنى مۇئەييەن دەرىجىدە چەكلەپ تۇرۇش ئارقىلىق تاشقى سىياسەتتىكى مۇۋازىنەتنى ساقلاپ قالماقچى بولغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا قازاقىستاندىكى جامائەت ‍ئەربابلىرىدىن قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۇنىڭدىكى بەزى ئالاھىدىلىكنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«بۆرىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاسقا تۇتۇلۇش» مۇ؟

قازاقىستان تەۋەسىدىكى ئۈچ يېرىم مىليون رۇس نوپۇسى ۋە ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن رۇس تەسىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى قازاقىستاننى خىتاي تەرەپكە سىلجىتىپ كەلگەن بولسا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن بۇ خىل تەقدىرنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىش خاھىشى قازاقىستاننى خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغانلىقى مەلۇم. يەنە كېلىپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ھەقتە ئاشكارا ۋەدە بېرىپ: «ھەرقانداق كۈچنىڭ قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا شىكەستە يەتكۈزۈشىگە قارشى تۇرىمىز» دېيىشى رۇسىيەگە ۋاسىتىلىك ھالدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىرگە خىتاينى بۇ رايوندىكى ئاساسلىق «بىخەتەرلىك بىلەن تەمىن ئەتكۈچى» گە ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش ئارقىلىق رۇس تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىش ئەندىزىسىگە تېخىمۇ مەھكەم يېپىشقان. «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 2022-يىلى 13-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ ۋاقىتتىكى ئاممىۋى ئۇچۇرلار پۈتكۈل قازاقىستاندىكى بايلىقنىڭ 55 پىرسەنتى 160 كىشىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۇنجى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېفغا بىۋاسىتە چېتىلىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان.

ھالبۇكى قازاقىستاندىكى خىتاي تەسىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ مېڭىشى ھەمدە بۇنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھىنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتلىرىگە بېرىپ چېتىلىدىغانلىقى قازاقىستان تەۋەسىدە كۆپلىگەن نارازىلىقلارغا سەۋەب بولۇشقا باشلىغان. بۇ جەھەتتە قازاق پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا قارشى مەۋقەسى كۆپلەپ ئاشكارا يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىققان. جۈملىدىن 2019-يىلىدىن باشلاپ قازاقىستاندىكى ئالمۇتا، ئاقتۆپە، چىمكەنت ۋە نۇرسۇلتان قاتارلىق شەھەرلەردە كۆرۈلگەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىدا «خىتاي، يۇرتۇڭغا قايت!»، «خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە يول يوق!» دېگەندەك پىلاكاتلار ئوتتۇرىغا چىققان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش نامىدا قازاقىستاندىكى شىركەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىۋېلىشى، قازاقىستان تەۋەسىدە غايەت زور يەرلەرنى ئۇزۇن مۇددەتكە ئىجارە ئېلىۋېلىشى، قازاقىستاندىكى كۆپلىگەن خىزمەت پۇرسەتلىرىنى خىتايلارنىڭ ئېلىپ كېتىشى بىلەن قازاقىستاندا بىر تۈرلۈك «خىتاي ۋەھىمىسى» باش كۆتۈرگەن. ئەمما بۇ ھال خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى ئاجىزلىتىشقا ھېچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى ئارقىلىق ئۆز تەۋەسىدىكى مالىمانچىلىقنى تىنچىتىشى ئۇلارنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنىمۇ بىر ياققا تاشلاپ قويۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ھەمدە ھەرقاچان خىتاي بىلەن رۇسىيە تەسىرى ئوتتۇرىسىدا بىر تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا مايىللىقىنى نامايان قىلغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور زېنېل گارسىيا مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇ يەردە ئىككى قاتلاملىق ئامىل مەۋجۇت. بىرى، قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاي مەبلىغىنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. يەنە كېلىپ بۇ جايدا ئۇنچە كۆپ چەتئەل مەبلىغىنى ئېلىپ كىرىشنىڭ بەك كۆپ مەنبەسىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا ئۇلار بۇ ئ‍ويۇننى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويناۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار خىتاي مەبلىغىنى رەت قىلالماس ھالدا بولغانلىقى، يەنە كېلىپ قازاقىستاننىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىدىن بەكمۇ رازىمەنلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھە دېسە يېڭى قۇرۇلۇشلارنى، يېڭى زاۋۇتلارنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ يېڭى تۈرلەرنىڭ يېڭى خىزمەت پۇرسەتلىرىنى ۋە باي بولۇشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئاچىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ مەنپەئەتلەر ياكى ياخشىلىقلارنىڭ ئ‍وتتۇرىغا چىققانلىقىنى خەلق كۆرگىنى يوق. شۇڭا بۇ خىلدىكى ۋەدىلەر بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا بەكمۇ زور ھاڭ مەۋجۇت. يەنە بىرى ھازىر ئ‍ۇلارنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنى خىتاينىڭ قازاقىستان تەۋەسىدىكى يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە غايەت زور مەبلەغ سېلىشى بولۇۋاتىدۇ. بۇ يەر مەسىلىسى بولغاچقا ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىگە، يەردىن پايدىلىنىپ كىمنىڭ باي بولۇش مەسىلىسىگە بېرىپ چېتىلىدۇ. خىتاينىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىشىدىكى بىر نۇقسان شۇكى، بۇنىڭدا ھەرقاچان يەرلىك خەلققە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى داۋراڭ سالىدۇ، ئەمما ئۇلار ھېچقاچان يەرلىك خەلق بىلەن بۇ ئىشلارنى راھەت بىر ياقلىق قىلالمايدۇ. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا مەبلەغ سېلىشى ئاساسەن مۇشۇ قېلىپتا بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يەرلىك خەلق ئارىسىدىكى زور بوشلۇق بارلىققا كېلىۋاتىدۇ».

خىتاينىڭ قازاقىستان تەۋەسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى ماھىيەتتە رۇسىيەنىڭ ھەربىي تەسىرىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھال قازاقىستاننى ھەرقاچان خىتاينىڭ ئالدىدا «تىلى قىسقا» قىلىپ قويغان. پروفېسسور زېنېل گارسىيەنىڭ قارىشىچە، دەل مۇشۇ خىل «تىلى قىسقا» بولۇش تۈپەيلىدىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ھەتتا مىڭلىغان قازاق پۇقراسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا قارىتا كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈشكە ئاجىز كەلگەن. شۇڭا بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى دۆلەت مەنپەئەتىنى دەپ لاگېرلاردىكى قازاقلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىشى ياكى بۇ مەسىلىلەرنى تەكىتلەش ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ قويۇشى ئېھتىمالدىن بەكمۇ يىراق ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى. «شۇنداق. كىشىلەر قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى بۇ ئىشلار ھەققىدە خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلەشسە ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئۇلار ھازىرغىچە بۇنداق قىلىپ باقمىدى. ھېچ بولمىغاندا كىشىلەر كۈتكەن دەرىجىدىمۇ بىر ئىش قىلمىدى. مېنىڭچە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرى تۈپەيلىدىن ئۇلار بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلمايدۇ. قازاقىستان ھۆكۈمىتىمۇ شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنى دەپ خىتاي بىلەن ياقا سىقىشمايدۇ. ھېچبولمىغاندا بۇ ھال ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىدا يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن. قازاق پۇقرالىرى بۇ مەسىلىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى، قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تەلەپ قويۇشلىرى كۈچلۈك ئاممىۋى شەكىل ئالغان ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك دەرىجىگە يېتەلەمدۇ-يوق؟ بۇ بىر مەسىلە. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ قازاقلار دۇچ كەلگەن باستۇرۇشنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەسكەرتىشى ئېھتىمالدىن يىراق. مۇشۇ خىل مۇمكىنچىلىك ئەمەلگە ئاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا قازاق خەلقىنىڭ بۇ ئارزۇسى ئىزچىل ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قۇربانلىق ماللىرىغا ئايلىنىپ كېتىۋېرىشى مۇمكىن».

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي-قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت 2023-يىلى كىرگەندىن باشلاپ تېخىمۇ يۇغۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە كۆپ قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىنى تەخمىن قىلىشقا باشلىغان. نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشتە خىتاينىڭ قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىدىغان تاۋارلىرى ئاساسەن كىيىم-كېچەك قاتارلىق يېنىك سانائەت بۇيۇملىرى بولسا قازاقىستاننىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغانلىرى مىس، نېفىت قاتارلىقلار بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.