خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ يەنە نارازىلىق سەۋەبكارى بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.08.06
Serik-Azhibai.jpg سېرىك ئاجىباي خىتاينىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى. 2020-يىلى 3-ئاۋغۇست، قازاقىستان.
rferl.org

قازاقىستاننىڭ بولۇپمۇ بىر قاتار قازاق تىللىق مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋنىڭ يېقىندا قىلغان بىلدۈرۈشى يەنە بىر قېتىم قازاقىستانلىقلارنىڭ نارازىلىقىنى پەيدا قىلغان.

«بايراق ئۆز» يېڭىلىقلار تورىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىسى: ‹ئىككى ئەل ئەسكىرى بىر مەقسەت يولىدا كۈرىشىدۇ›» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى كۈنى ھارپىسىدا قازاقىستان ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر بىلدۈرگەنىكەن. ئۇ بۇنى يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ بىرىگە بەرگەن سۆھبىتىدە ئېيتقان.

جاڭ شياۋ مۇنداق دېگەن: «ھەر ئىككى ئارمىيە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن پات-پات ئالمىشىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. قوش تەرەپ مۇشۇ ھەمكارلىقنىڭ ئارقىسىدا ھەربىي بايقاشلار ۋە تەييارلىقلار ئىشىدا چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. خىتاي ۋە قازاقىستان رايون تىنچلىقىنى قوغداپ، ئەل دائىرىسىدە رەڭلىك ئىنقىلابلارنىڭ ئورۇن ئېلىشىغا يول بەرمەيدۇ. بىخەتەرلىك، مۇداپىئە، تىنچلىق ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ بىر مەقسەت يولىدا كۈرىشىدۇ.»

ماقالىدا يەنە دېيىلىشىچە، ئەلچى خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەن ھەرتەرەپلىمە ئىشلەپ، «مىللەت لىدېرلىرى» تۈزگەن كېلىشىمنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ راۋاجلاندۇرۇش توغرىلىق تەكلىپنى ھەر قاچان قاراپ چىقىدىغانلىقىنى يەتكۈزگەنىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئەلچىسىنىڭ بۇ سۆزلىرى قازاقىستاندىكى پائالىيەتچىلەر، زىيالىيلار، ئاھالە ئىچىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە كۆپلىگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىزىقارلىق تېمىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىنغان.

«ئازادلىق» رادىيوسىدا بېرىلگەن «خىتاي ئەلچىسىنىڭ سۆزىگە نارازى بولۇپ، يالغۇز كىشىلىك نامايىشقا چىققان تۇرغۇن 15 كۈن قامالدى» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 3-ئاۋغۇستتا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى سېرك ئەجىباي خىتاينىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرغان. سېرك ئەزھىباي خىتاي ئەلچىسىنىڭ ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق توغرىلىق قىلغان پىكرىنى باشقا بىر مەملىكەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق دەپ ھېسابلىغان ۋە خىتاي ئەلچىسىنى قازاقىستاندىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، سوت دېلوسى تۇرغۇزۇلغان. ئۇ «قانۇنسىز پائالىيەت ئۆتكۈزدى»، «ساقچى خىزمەتچىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنلىمىدى» دېگەنگە ئوخشاش ئەيىبلەر بىلەن 15 كۈن قامالغان. سېرك ئەجىباي ئۆزىگە قويۇلغان ئەيىبلەرنى ئىقرار قىلمىغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى قايرات بايتوللا ئەپەندى مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان قازاقىستان ئاخبارات قوراللىرىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىسى جاڭ شياۋ ئەپەندىنىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 93 يىللىقىغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلىگەن سۆزى مۇھاكىمە قىلىنىۋاتىدۇ. جاڭ شياۋ خىتاي ۋە قازاقىستان ئارمىيىسى قازاقىستاندا بولىدىغان بەزى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە بىرلىشىپ قارشى تۇرىدۇ دېگەن پىكىرلەرنى قىلغان. مۇشۇنىڭغا باغلىق بىز جاڭ شياۋغا ئىلگىرىمۇ قازاقىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق توغرىلىق ئەسكەرتىش قىلغان ئىدۇق. بۇ كىشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بەزى بىر ماددىلىرىغا قارىتا ئېيتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ يەردىمۇ مۇنداق نەرسىلەر كۆرسىتىلمىگەن. ئەمدى ئورتاق ھەربىي مەشىقلىنىشكە ئوخشاش نەرسىلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما جاڭ شياۋ ئېيتقان مەسىلىلەرنى كۆرسەك بولاتتى. ئىككىنچىدىن، جاڭ شياۋ ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندا تۈرمىلەردە، لاگېرلاردا ئازابلىنىۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇر، قازاق ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قاماۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلمىدى. بىز ئۇنىڭغا 3 مىليون ئۇيغۇرنىڭ، 500 مىڭ قازاقنىڭ، 50 مىڭ قىرغىزنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ بۇنى سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرلىرى ئەمەس، بەلكى ئىلىم، بىلىم ۋە تېخنىكا ئۆگىنىدىغان لاگېرلار دېگەن جاۋابنى بەرگەنىدى.»

قايرات بايتوللا جاڭ شياۋنىڭ ھەقىقەتنى ئېيتىشتىن قاچىدىغان، ھەقىقىي دىپلوماتقا خاس خۇسۇسىيەتلەردىن مەھرۇم ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«لىبېرتى» ھوقۇق قوغداش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى غالىم ئاگېلېئۇئوف ئەپەندى بارلىق مەسىلىنىڭ قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىزدە خاتالىقلار ئىنتايىن كۆپ. بىز خىتايدىن ئىنتايىن كۆپ مىقداردا قەرز ئالدۇق. بۇنى ھەممىسى ياخشى بىلىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغىمۇ سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇنداق مەسىلىمۇ تۇرۇۋاتىدۇ. نېفىت ۋە باشقىمۇ يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايغا سېتىۋېتىلگەن. ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ بەزى ماددىلىرى بويىچە ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ بىر-بىرىگە ياردەم كۆرسىتىشى مۇمكىن. يەنى بۇ يەردە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاكىممۇتلەق تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. مۇبادا شۇنداق كېلىشىم مەۋجۇت بولسا، خىتاي ياردەمگە كېلىپ، قازاقىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.»

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا سىياسىي-ئىجتىمائىي كرىزىس يۈز بەرسە، خىتاي ئەسكەر بىلەن باستۇرۇپ كىرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاي ئىچكى سىياسەتتە ئىنسان ھوقۇقىنى، دېموكراتىيىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ھاكىممۇتلەق دۆلەت. ئۇيغۇرىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، باشقا تۈرك-مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان دۆلەت. سىرتقى سىياسەتتە دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقان دۆلەت. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاندا رەڭلىك ئىنقىلاب يا سىياسىي كرىزىسلار بولسا، خىتاي ئارمىيىسى بىلەن بېسىپ كىرىشى مۇمكىن. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. تەشكىلات قورال قوللىنىشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. ئىككىنچىدىن، خىتاي مەركىزىي ئاسىياغا بېسىپ كىرسە، ئۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى ئالماستىن قىلىدۇ.»

قەھرىمان غوجامبەردى خىتاينىڭ كۆپىنچە ئىككىتەرەپلىمىلىك كېلىشىملەر ئاساسىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي، چېگرا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئوخشاش مەسىلىلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىياغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك بىر مەملىكەت بولغانلىقتىن، مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن قازاقىستاننىڭ ئۆزىنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى سىياسىتىنى بەلگىلەش لازىملىقىنى، بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، دائىم ھوشىيار بولۇش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلاتىكەن. 2017-يىلى ئۇنىڭغا ھىندىستان ۋە پاكىستان ئەزا بولۇپ كىرگەن. بۇ تەشكىلات ھەربىي تەشكىلات بولماي، ئۇ مۇقىملىقنى ۋە بىخەتەرلىكنى مۇستەھكەملەش، تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە ۋە زەھەرلىك ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

قازاقىستاندىكى خىتاي باش ئەلچىسى جاڭ شياۋنىڭ ئىلگىرىكى بىر قانچە قېتىملىق سۆزلىرى قازاقىستان جامائەتچىلىكىدە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆز قىلغاندىكى ھاكاۋۇرلۇقلىرى ۋە قوپال ئىبارىلىرى قازاقىستان مىللەتپەرۋەرلىرى ئارىسىدا قاتتىق سەلبىي ئىنكاسنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.