قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ خىتايغا قىلغان سەپىرى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت نەزىرىدە بولماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.09.17
Kassym-Jomart-Tokayev-qasim-jomart-toqayef-shi-jinping.jpg قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ توختامغا قول قويماقتا. 2019-يىلى 11-سېنتەبىر، بېيجىڭ.
AP

مەلۇمكى، قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېفنىڭ 12- ۋە 13-سېنتەبىر كۈنلىرى خىتايغا بولغان رەسمىي سەپىرى ھارپىسىدا قازاقىستاننىڭ بىر قاتار شەھەرلىرىدە خىتاي لايىھەلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتتى. ئىگىلىشىمىزچە، نامايىشچىلار خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ يېپىلىشىنى، قازاقىستاننىڭ قوشنا مەملىكەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چەكلىنىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

7-سېنتەبىردە ئالمۇتادا ئۆتكەن «خەلق قۇرۇلتىيى» قاتناشقۇچىلىرى پرېزىدېنتنى ئۇنىڭ خىتايغا بولىدىغان رەسمىي سەپىرىدە خىتايدىن قەرز ئالماسلىققا، يېڭى لايىھەلەر بويىچە كېلىشىم شەرتلەرنى تۈزمەسلىككە چاقىردى.

«ئازادلىق» رادىيوسىدا 11-سېنتەبىردە بېرىلگەن «خىتاي لايىھەلىرىگە نارازىلىق كۈچىيىۋاتقان پەيتتە توقايېف خىتايغا باردى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان دائىرىلىرى «خىتاي بىلەن بىرلىشىپ ئەمەلگە ئېشىۋاتقان لايىھەلەرنىڭ ئەل ئىقتىسادى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ھازىرقى ۋاقىتتا مەبلەغ سالماي تۇرۇپ، ئىلگىرىلەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى» ئېيتقان. مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىللىي بانكىنىڭ 2018-يىللىق ھېسابى بويىچە قازاقىستاننىڭ خىتاي ئالدىدىكى قەرزى 12 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلىدىكەن.

قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ خىتايغا قىلغان سەپىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ماقالىلەر داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ تۇردى. شۇلارنىڭ بىرى قىرغىزىستاندا نەشر قىلىنىدىغان «بېلىي پارۇس» مۇستەقىل سىياسىي گېزىتىدە «بېيجىڭدا قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى نامايىشلارنى كۆرمەسلىككە سالدى» دېگەن ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت توقايېف خىتاينى «ئۇلۇغ بىر مەملىكەت، دۇنيادىكى ئىككىنچى ئىقتىساد، دوست ئەل» دەپ ئېلان قىلىپ، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رۇسىيەنىڭ «رىتمى يېۋروئاسىئى» تور بېتىدە 15-سېنتەبىردە بېرىلگەن «قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى كەيپىياتلار. تەخمىن ۋە پاكىتلار» دېگەن ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، توقايېف قازاقىستان خەلقىنى ئىغۋالارغا ئەگەشمەسلىككە چاقىرىپ، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ تەبىئىي راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئەمدى «ئازادلىق» رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان «پيوتر سۋوئىك: خىتايغا قارشى كەيپىياتلار ئاساسسىز ئەمەس» ناملىق ماقالىدا قازاقىستاندا تونۇلغان سىياسىي پائالىيەتچى پيوتر سۋوئىك جامائەتچىلىكنىڭ قوبۇل قىلىشىدا خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى تەسىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا، ئەمەلگە ئاشقان ياكى ئەمەلگە ئېشىۋاتقان خىتاي لايىھەلىرىنىڭ ئانچە كۆپ ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە بۇ لايىھەلەر توغرىلىق جامائەتچىلىككە يېتەرلىك دەرىجىدە توغرا ئاخبارات بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستانلىقلار خىتاينىڭ «سىنوئويل» يېقىلغۇ ماي سېتىش كومپانىيەسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. شۇنداقلا چېخىيەدىكى «ناستوياشېيې ۋرېميا» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قازاقىستان خىتايغا 12 مىليارد دوللار قەرز بولغان بولسا، بۇ يىلى خىتاي بىلەن يەنە 50 خىتاي زاۋۇتلىرىنى سېلىشقا 300 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىلغان ئىكەن. ئۆتكەندە قازاقىستاندا يۈز بەرگەن نامايىشلار ئاساسىي جەھەتتە ئەنە شۇ زاۋۇتلارنىڭ سېلىنىشىغا قارشى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى پيوتر سۋوئىك ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شۇنى دەررۇ ئىقرار قىلىش كېرەككى، خىتايغا قارشى كەيپىياتلار قازاقىستاندا ھەر دائىم مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئۇلار كۆپىنچە سىياسىي مەنپەئەتلەردە كۆرۈنۈپ كەلگەن ئىدى. بىراق كەڭ جامائەتچىلىك ئىچىدە ئەمەس، بەلكى بەزى ھۆكۈمران قەبىلىلەر ئارىسىدا. ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئېلىمىزدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر كۆپىنچە ئەنە شۇ ھاكىمىيەتتە تۇرغان كۈچلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىمىزدە ئورۇن ئالغان ۋەقەلەرنى بىر پۈتۈن پرېزىدېنتلىق ھاكىمىيەتنىڭ پارچىلىنىشى نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېلىپ قاراش كېرەك. يېقىندا قازاقىستاننىڭ جاڭائۆزەن شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن نامايىشلارنى قارايدىغان بولساق، جاڭائۆزەندە ھەقىقەتەنمۇ خىتاي ئىشچىلىرى، خىتاي باشلىقلىرى كۆپ ئولتۇراقلاشقانمۇ؟ جاڭائۆزەن بۇ خىتاي مەنپەئەتلىرى كۆپەيگەن ئورۇن ئەمەس. جاڭائۆزەن باشقا پاجىئەلىك ۋەقەلىرى بىلەنمۇ بىزگە مەلۇم».

پيوتر سۋوئىك ئەپەندى جاڭائۆزەندە ئورۇن ئالغان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا پەقەت يەرلىك ئاھالە ئەمەس، بەلكى ئۆزرا كۈرەش قىلىۋاتقان كۈچلەر ئارىسىدىكى مەنپەئەتلەرنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «خىتاي خەۋپى»، قازاقىستان مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلىنى ئوقۇتۇشنىڭ رەسمىي كىرگۈزۈلىدىغانلىقى ھەمدە خىتاينىڭ قازاقىستان بىلىم مىنىستىرلىقىغا بۇنىڭغا مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقانلىقى توغرىلىق مەلۇماتلار تارقىلىشقا باشلىغان ئىدى.

تونۇلغان قازاق پائالىيەتچىسى يېربول داۋلېتبېك ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان ئاھالىسىنىڭ بەزى قىسمى ھەقىقەتەنمۇ خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي قوشنا ئەل. ئۇنىڭ قازاقىستاننى بېسىۋېلىشى مۇمكىن، دېگەن خەلقتە ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق تەشۋىش بار. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ھازىر نارازى بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى خىتاي بىلەن قانداق كېلىشىملەر تۈزۈلدى، قانچىلىك قەرز ئالدى، بۇ توغرىلىق بىزدە ئېنىق ئاخبارات يوق. خىتاي تىلىنى قازاقىستان مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇش توغرىلىق ئۇچۇرلار تارقىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىرەر ئېنىق بۇيرۇق چىققىنى يوق. ھازىر ئاھالە ھەقىقەتەنمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كۆپرەك پايدىلىنىدۇ، ئەمما ئۇ يەردە چىقىۋاتقان ئاخباراتلارنى يۈزدە يۈز توغرا دەپ ھېچ كىم ئېيتالمايدۇ. بۇ يەردە ئۆچمەنلەشتۈرۈش ئىشلىرىمۇ يوق دەپ ئېيتالمايمىز. ئەمما ئومۇمەن خەلق خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە، ئۇنىڭ سېلىۋاتقان مەبلىغىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە قارشى ھەم بۇنىڭدىن كۆپ ئەندىشە قىلىدۇ.»

يېربول دائۇلېتبېك قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ سەۋەب بولۇشى مۇمكىنمۇ دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ئەلۋەتتە، مۇمكىن. شەرقىي تۈركىستاندا خەلقلەرگە قىلىنىۋاتقان قىسىم قازاقىستان خەلقىنىڭ ئومۇمەن خىتايغا قارشى بولۇشىغا سەۋەب بولدى. ئىككى دۆلەت قوشنا بولغانلىقتىن ئۆزئارا بېرىپ-كېلىش ئىشلىرىمۇ قويۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ياقتا نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى قازاقنىڭ بارلىقى بىلىدۇ. ئۇ ياقتىكى سىياسىي قىسىم، لاگېر مەسىلىسى بۇ يەردىكى قازاقنىڭ خىتايغا قارشى بولۇشىنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى، دەپ ھېسابلايمەن.»

ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتا بولۇپمۇ «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ كۆپ ئىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىگىلىگەن كۆپلىگەن مەلۇماتلىرى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.