مۇتەخەسسىسلەر: بۈگۈنكى خارابلىشىۋاتقان قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقى ساھەسىدە ئىلگىرى گالىنا باراتوۋادەك قابىل تەتقىقاتچىلار خىزمەت قىلغانىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.08.05
Galina-Baratowa.jpg يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى تارىخى مۇتەخەسسىسى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى گالىنا باراتوۋا. 1980-يىللار.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 80-يىللىرىدىن باشلاپ قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، قۇرغان مەملىكەتلىرى، مەدەنىيىتى، مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرىشى بويىچە تەتقىقاتلار ئۈزلۈكسىز يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغانىدى. مەزكۇر تەتقىقاتلار ئاساسەن 1949-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بۆلۈمىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن باشلاندى. كېيىنرەك، يەنى 1963-يىلى، تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە، 1986-يىلى بولسا، شۇ ئاكادېمىيە تەركىبىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا داۋام قىلدى. بۇ جەھەتتە ئەرشىدىن ھىدايەتوف، مالىك كەبىروف، داۋۇت ئىسىيېف، رۇقىيەم خوجايېۋا، گېگىل ئىسقاقوف قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخچىلىرى كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى ئەۋلادلار ئۇلارنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

يېقىندا ئالمۇتادا نەشر قىلىنىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى بويىچە مۇتەخەسسىس، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى گالىنا سۇلتان قىزى باراتوۋانىڭ تۇغۇلغىنىغا 65 يىل تولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئىجتىمائىي تارىخى تەتقىقاتچىسى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالە ئاپتورى «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوف مەرھۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيىتىگە توختىلىش بىلەن بىر قاتاردا ئالىمەنىڭ ياراتقان يېڭىلىقلىرى، ئۇ ياشىغان دەۋردىكى بەزى ئەھۋاللار ھەققىدىمۇ پىكىر قىلغان. 

ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، گالىنا باراتوۋا يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلغان، شۇ ۋاقىتلاردا كۆپچىلىكنىڭ چوڭ ئۈمىدىگە ئېرىشكەن ئالىم بولغانىكەن. ئابلەت كامالوف مۇنداق دېدى: «ئۇ ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا ئالمۇتا ۋە موسكۋا شەھەرلىرىدىكى ئارخىپلاردا ئەمگەك قىلغان. گالىنا 1986-يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ‹ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيەسى› بۆلۈمىگە ئىشقا كەلگەندە، بۇ بۆلۈمنى تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى گېگىل ئىسقاقوف باشقۇرۇۋاتاتتى. مۇشۇ يىللىرى بۇ بۆلۈمگە مۇنىر يېرزىن، رۇقىيەم خوجايېۋا ئوخشاش پېشقەدەم تارىخچىلار بىلەن بىر قاتار ياش مۇتەخەسسىسلەرمۇ توپلاندى. ئاخىرقىسىغا گالىنا باراتوۋاغا ئوخشاش ياش، تالانتلىق مۇتەخەسسىسلەر ۋاكالەتلىك قىلدى». 

ئابلەت كامالوفنىڭ پىكرىچە، گالىنا باراتوۋا ئۆز تەتقىقاتلىرىدا ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ پەقەت ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تارىخى مەسىلىلىرىگە مۇراجىئەت قىلغانىكەن. ئۇ تارىخ پېنىنىڭ تارماقلارغا بۆلۈنۈشىگە مۇۋاپىق ئىجتىمائىي تارىخقا مۇناسىپ ۋە ئىقتىسادىي تارىخ سالاھىيىتىگە تەئەللۇق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

ئابلەت كامالوف 1986-يىلى قۇرۇلغان ۋە بارى-يوقى 10 يىل ئۆمۈر سۈرگەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئەپسۇس، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا كۆپلىگەن ياشلار نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيىسىنىڭ ئاخىرىنى چىقارماي، ئىلىم-پەن ساھەسىدىن كېتىپ قالدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن مەملىكەت ئېغىر ئىقتىسادىي ئەھۋالدا قالدى. شۇ يىللىرى كۆپلىگەن تالانتلىق ياشلار جان بېقىش كويىدا ئىنستىتۇتنى تاشلاپ كەتتى». 

ئابلەت كامالوفنىڭ دېيىشىچە، مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم، ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوف رەھبەرلىك قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى باشقا مەملىكەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىملار بىلەنمۇ ئالاقە باغلىغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «1990-يىللىرى قازاقىستان ئالىملىرى بىلەن شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالىملىرى ئوتتۇرىسىدا قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەر تۈپەيلىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ياش ئالىملىرى قازاقىستاننىڭ ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرىدا ئىلمىي تەجرىبىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىڭ ئالىملارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنى بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. شۇلار قاتارىدا گالىنا باراتوۋامۇ بولدى». 

سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلپىيە كەرىموۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، سابىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى رەھبەرلىكى ياش مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلاش مەقسىتىدە ياشلارنى موسكۋا، لېنىنگراد، يەنى ھازىرقى سانكىت-پېتېربۇرگ، تاشكەنت ئوخشاش شەھەرلەرگە كۆپلەپ ئەۋەتكەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تارىخچىلارمۇ بولغان.

زۇلپىيە كەرىموۋا مۇنداق دېدى: «1996-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى بولۇپ قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىن، كۆپلىگەن مەسىلىلەر، شۇ جۈملىدىن ياش تارىخچىلارنى تەييارلاش مەسىلىسىمۇ ئاخىرغىچە ھەل بولماي قالدى. 1990-يىللىرى باشلانغان ئىقتىسادىي كرىزىس، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەقدىرى كۆپلىگەن ياشلىرىمىزنىڭ كېلەچىكىگە سەلبىي تەسىر قىلدى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسى بولۇپمۇ تارىخچىلارغا ناھايىتى موھتاج ئىدى. ئۇ چاغلاردىكى ئېغىرچىلىقلار مېنىڭمۇ بېشىمدىن ئۆتكەن. لېكىن گېگىل ئىسقاقوف، رىسالەت كەرىموۋا، ئابلەت كامالوف ئوخشاش ئالىملىرىمىزنىڭ مەسلىھەتى، مەنىۋى ياردىمى بىلەن مەن پەن نامزاتى دېگەن ئىلمىي دەرىجىگە ئېرىشتىم دېسەم بولىدۇ. لېكىن كۆپلىگەن ياشلىرىمىز بۇ ئېغىرچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمىدى. ھازىر ئۇيغۇر تارىخى ساھەسىدە يېتىلىپ چىقىۋاتقان ياشلار يوقنىڭ ئورنىدا. مېنى مۇشۇ مەسىلە كۆپرەك ئويلاندۇرىدۇ ھەم تەشۋىشلەندۈرىدۇ». 

سوۋېت دەۋرىدە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى ساھەسىدە سوۋېت ۋە چەتئەللىك تارىخچىلار تەرىپىدىن كۆپلىگەن ئەمگەكلەر يارىتىلغان بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن بۇ جەريان توختاپ قېلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. بۇنىڭغا نېمە سەۋەب بولدى؟ 

ئابلەت كامالوف مۇنداق دېدى: «سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسەن 1980-يىللارغا توغرا كېلىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىسىدە چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ. بۇ شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ سوۋېت تاشقى ئىشلار سىياسىتى ئۈچۈن مەنپەئەتدار بولغانلىقى بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ھاكىمىيىتى بۇ ساھەنى قوللىغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سابىق سوۋېت مەملىكەتلىرىنى قىزىقتۇرمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ مەملىكەتلەر كۆپىنچە خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان ئىدى. خىتاي بولسا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ باشقا مەملىكەتلەردە راۋاجلىنىشىغا مەنپەئەتدار بولماي قالدى، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئىدىيىۋى پرىنسىپلىرىغا توغرا كەلمەيتتى. خىتاي ئىدېئولوگىيەسى ۋە خىتاي تارىخشۇناسلىق ئىلمى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى دېگەن ئىدىيەنى قوللىمايدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارنى خىتاي مىللىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ ئىدىيىۋى پىكىرلەر يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى تارىخى بويىچە تۈزۈلگەن ئاتالمىش ‹ئاق تاشلىق كىتابىدا› ئېلان قىلىنغان ئىدى».

سوۋېت دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىلىپ چىققان تارىخچىلار ھەمدە باشقىمۇ مىللەت تارىخچىلىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەنىدى. ھازىر نېمە ئۈچۈن ئەنە شۇ ئالىملارنى ھەم ئۇلار ياراتقان ئەمگەكلەرنى خاتىرىلەش ئەنئەنىگە ئايلاندى؟

ئابلەت كامالوف بۇنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «گالىنا باراتوۋا ۋە باشقىمۇ قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ئۆز ئەمگەكلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوللاش سىياسىتى ئارقىسىدا ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش شۇ جۈملىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گالىنا باراتوۋانىڭ ئەمگەكلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، سوۋېت دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن بىر تۈركۈم تارىخچىلار يېتىلىپ چىقىپ، ئۇلار ئىلمىي ئاساستا ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلدى ھەم ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىگە ئۆز تۆھپىسىنى قوشتى. ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش مەنئى قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ سىرتىدىكى مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنى ياراتقانىدى».

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئىشلىگەن يىللىرى ئىنستىتۇت خادىملىرىنىڭ سانى 100 گە يەتكەنىكەن. ئۇنىڭدا يەتتە بۆلۈم ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ بۆلۈملەر بويىچە مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلاش مەسىلىسى ياخشى يولغا قويۇلغان ئىدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېپىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلارنىڭ سانىمۇ كەسكىن قىسقارغان. ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىدە ئىشلەۋاتقان خادىملارنىڭ سانى 10 غىمۇ يەتمەيدىكەن. بۇ ئەھۋال ھەم ئومۇمەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ بارا-بارا دىققەتتىن سىرت قېلىشى پەقەت قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنى تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان بىر مەسىلە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.