قازاقىستاندا يېڭى ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە قانىلى ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.12.10
قازاقىستاندا يېڭى ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە قانىلى ئېچىلدى «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پروگراممىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى دېكابىر.
RFA/Oyghan

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپ قېتىم تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى، سەنئىتىنى، مائارىپ ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرغىب قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى ئۇلار بىردە توختاپ قېلىش، بىردە قىسقارتىلىش ئەھۋاللىرىغا دۇچ كەلگەنىدى. ھازىرمۇ پۈتكۈل دۇنيا مەملىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ سەۋەبىدىن پەيدا بولۇۋاتقان بەزى قىيىنچىلىقلار جەمئىيەتتە خىلمۇ-خىل مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. لېكىن شۇنىڭغا قارىماي، تەرغىبات مەنبەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ قالماقتا. يېقىندا «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى» قانىلىنىڭ ئۆز ئىشىنى باشلىشى شۇنىڭ يارقىن بىر مىسالىدۇر.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر قانالنى تەسىس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى شاخنىزا ئىبدىمىنوۋا خانىم ئۇيغۇر تىلىدا تېلېۋىزىيە قانىلى ئېچىش ھەققىدە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئويلاپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئوي ھەقىقەتەنمۇ ئۇزاق ۋاقىت ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرەتتى. چۈنكى چوڭلار ئۈچۈن بولسۇن، ياشلار ئۈچۈن بولسۇن خەۋەرلەرنىڭ بۇ ئۇسۇلى مۇھىم دەپ ئويلايمەن. كۆپ ۋاقىتنى ئىزدىنىش ئۈستىدە ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى بۇ ئوينى قوللايدىغان ئادەمنى ئۇچراتتىم. ئۇ بولسىمۇ رامىل ئەزىزوف. رامىل «مىر» نەشرىياتىدىكى ئەلىشىر ئاكا خەلىلوف بىلەن مېنى تونۇشتۇردى. ئۇزاق سۆھبەتتىن كېيىن ئەلىشىر ئاكىمۇ بىزنىڭ ئويىمىزنى قوللاپ، كامېرا ئېلىشمىزغا ياردەم قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئېكرانغا دەسلەپكى يېڭىلىقلار پروگراممىسى چىقتى. ھازىر ئىجادىي توپ 6 ئادەمدىن تەركىب تاپتى. بىز پەقەت يېڭىلىقلار بىلەن چەكلىنىپلا قالماي، ھەر خىل يېڭى ئىدىيەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئەمگەك قىلىۋاتىمىز».

شاخنىزا ئىبدىمىنوۋا «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى» قانىلىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «قانىلىمىزنىڭ ئالدىغا قويغان مەقسىتى قانال نامىدىن چىقىپ تۇرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بىز قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىن يېڭىلىقلارنى خەۋەر قىلىش، دۇنياغا مەدەنىيىتىمىزنى، ئەدەبىياتىمىزنى، سەنئىتىمىزنى ۋە باشقىمۇ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى نامايىش قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز، دەپ ئويلايمەن. دۇنيا يۈزىدىكى يالغۇز ئۇيغۇر تىياتىرى، ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر، رادىئو، گېزىت-ژۇرناللار قازاقىستاندا مەۋجۇتتۇر. ئەمدى ئۇلارنىڭ قاتارىغا ئانا تىلىمىزدا قانال قوشۇلسا، ھۇزۇر ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە، بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىمىز تېخى نۇرغۇن. شۇ ئىشلاردا ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ، زىيالىيلارنىڭ، ياشلارنىڭ، يۇرت-جامائەتچىلىكىنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىقتا بولۇشىغا ئىشىنىمىز».

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت بېشى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروف ئەپەندى مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى شاۋكەت نەزەروفنىڭ قارىشىچە، 21-ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرمۇ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بولماسلىقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پاجىئە دەپ قارالغانىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ھەر قانداق خەلقنىڭ ھاياتىدا تېلېۋىزىيەنىڭ رولى ھەققىدە گەپ قوزغاشنىڭ ئۆزى ئارتۇق بولسا كېرەك. سوۋېت پەيتىدە ھەر كۈنى بىر سائەت بولسىمۇ قازاق دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ‹ئالىتاغ› ئۇيغۇرچە پروگراممىسى مەۋجۇت بولۇپ، ئانا تىلىمىزدا خەۋەرلەرنى تارقىتىپ تۇراتتى. مەزكۇر پروگرامما يېپىلغاندىن كېيىن تونۇلغان تىجارەتچى، شۇ پەيتلەردىكى ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ھېلى مەرھۇم ئابدۇللام ھوشۇروف سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقايدىغان تېلېۋىزىيە قانىلىنى ئېچىشقا ھەرىكەت قىلىپ كۆردى. لېكىن ئۇنىڭ ئۆمرى ئۇزاققا بارمىدى».

ئىگىلىشىمىزچە، 1984-يىلى قازاقىستان تېلېۋىزىيەسىدە «ئالىتاغ» ئۇيغۇرچە پروگراممىسى ئۆز ئىشىنى باشلاپ، ئۇ دەسلەپتە بىر سائەتتىن ھەپتىسىگە ئۈچ قېتىمدىن، كېيىنرەك ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى كۆرسىتىلىدىغان بولغانىكەن. قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاجرىتىلىدىغان ئىقتىساد قىسقارغاچقا، 1997-يىلغا كەلگەندە كۆرسىتىش ۋاقتى 20 مىنۇتقىچە ئازايغانىدى.

كېيىنكى يىللىرى مەزكۇر پروگرامما «ۋىسال»، ئاندىن «بىز-قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار» دېگەن ناملارغا ئۆزگەرتىلىپ، ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ھەپتىسىگە بىر قېتىم 15 مىنۇتتىن كۆرسىتىلىدىغان بولغان.

شاۋكەت نەزەروف يېڭى ئېچىلغان «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى» قانىلى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ ئەلۋەتتە، ئالقىشلاشقا تېگىشلىك باشلانما. لېكىن خەۋەر تېپىشىمىزچە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرمۇ-بىر ژۇرنالىستىكا ساھەسىدە تەجرىبىگە ئىگە سالاھىيەتلىك كەسىپ ئىگىلىرى يوق ئوخشايدۇ. مېنى شەخسەن مۇشۇ مەسىلە تەشۋىشلەندۈرۈۋاتىدۇ. ژۇرنالىستىكا تولىمۇ مۇرەككەپ ھەمدە نازۇك، شۇنداقلا مۇشەققەتلىك ساھە. شۇڭلاشقا ئۇلارغا ئېيتىدىغىنىم، ئىشنىڭ يولىنى تېپىۋالغۇچە ھېچ بولمىغاندا مەسلىھەتچى سۈپىتىدە بىر تەجرىبىلىك ژۇرنالىستنى تۇتقىنى ياخشىمىكىن، دەپ ئويلايمەن. ھەر ھالدا ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە ھازىرچە باھا بېرىش ئەتىگەن. ئۇنى ۋاقىت كۆرسىتەر. نېمىلا بولسا، قولىمىزدىن كېلىدىغان ياردەمنى قىلىشقا بىز تەييار. مۇشۇ تېلېۋىزىيە قانىلىمىزغا ئاق يول تىلەيمىز».

مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ يىلى قازاقىستاننىڭ «ياشلار» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇر تىلىدا «شەبنەم» تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئۆز ئىشىنى باشلىغانىدى. لېكىن كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشى بىلەن قازاقىستاندا ئېلان قىلىنغان پەۋقۇلئاددە ھالەت ھەم كارانتىن تەرتىپىنىڭ جارى قىلىنىشى «شەبنەم» ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭمۇ ئۆز ئىشىنى قىسقارتىشىغا ئېلىپ كەلگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.