قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بارىن ئىنقىلابىي ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى كۈنىنى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2021.04.09
barin-inqilabi-tutulghan-uyghur.jpg بارىن ئىنقىلابىدا يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇرلار.
RFA/Qutluq

20-ئەسىر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا مۇھىم ۋەقەلەر دەۋرى بولدى. بۇ يۈز يىل داۋامىدا ئوخشاشلا ئۇيغۇر دىيارى ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار بولدى. ئۇيغۇر دىيارى تارىخىدىكى ئاپرېل ئېيىدا يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەر قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن بىشكېك ۋە جالال-ئاباد شەھەرلىرىدە خاتىرىلەندى. بۇ شەھەرلەردە 1945-يىلى 8-ئاپرېل كۇنى قۇرۇلغان سابىق مىللىي ئارمىيە كۈنىنى ۋە 1990-يىلى 5-ئاپرېل يۈز بەرگەن بارىن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى. 8-ئاپرېل كۇنى پائالىيەت قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بىشكەك شەھىرىنىڭ ئالامېدىن-1 مەھەللىسىدىكى مەدەنىيەت ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا چۇي ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى قاتناشتى. بۇ يىغىنغا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئالدى بىلەن قەھرىمانلارغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان قىلىندى، ئاندىن پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف بارىن ۋەقەسى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات ئوقۇدى. ئۆز دوكلاتىدا ئەكبەرجان ئەپەندى 1990-يىلى 5-ئاپرېل كۈنى ئۈز بەرگەن بارىن ۋەقەسىنى بارىن ئىنقىلابى دەپ ئاتىدى.

رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈلباھار ئەلىيېۋا ئۇيغۇر تارىخىدا يۈز بېگەن ۋەقەلەرنى كېلەچەك ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى

سىياسىي پەنلەرنىڭ ماگىستىرى ئابدۇرەھىم ھاپىزى مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ جاسارىتى، نىزام ۋە مۇكاپاتلىرى ھەققىدە تارىخىي دوكلات ئوقۇپ، مىللىي ئارمىيە كۈنىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن چوڭ بىر بايرام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇراسىم داۋامىدا ئىختىيارىي سۆزگە چىققان نوۋوپوكروۋكا يېزىسىنىڭ يىگىت بېشى غەيرەت جاھانوف ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا توختىماي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر پائالىيەتكە مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ جەڭچىسى، غازىلاردىن پەقەت ئابلىمىت بەكرى ئەپەندىلا قاتنىشىپ كۆزلىرى نەملەنگەن ھالدا ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.

ئابلىمىت بەكرى ئەپەندى 1946-يىلى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى سېپىدە ماناس دەرياسىدا بويىدا مۇداپىئەدە تۇرۇشقا قاتناشقانىدى. نۆۋەتتە مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھايات ياشاۋاتقانلىرى ساناقلىقلا قالغانىدى. 1955-1962-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققانلار ئارىسىدا كۆپ ساندا مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېر ۋە جەڭچىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانغا ماكانلاشقانىدى. قىرغىزىستانغا يەرلەشكەنلەرنىڭ سانىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق زور قىسمى ۋاپات بولغانىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ كۆپ ياشلار تارىخىي ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە كۆڭۈل بۆلمەكتە. سېلىشتۇرغىنىمىزدا ئۈچ يىل ئىلگىرى بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ياشلار قاتناشمىغانىدى. ئەمما ھازىر ياشلار قاتنىشىپ، پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشلاردا خىزمەت كۆرسەتمەكتە. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىززەت گازىيېف ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى بايانقىلدى.

8-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى كۈنى ۋە بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى يەنە جالال-ئاباد شەھىرىدە پائالىيەتچى ئەلىشىر ناسىراخۇنوفنىڭ تەشەببۇسىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۈگۈنكى كۈنلەردە دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ قىرغىزىستاندا يېڭىدىن كۈچىيىپ كېتىشى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرۈلۈۋاتقان قاتتىق چارىلەر سەۋەبىدىن قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى تار دائىرىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنى خاتىرىلەشنى ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشماقتا. مەزكۇر پائالىيەتلەر قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي روھىنى كۆتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.