قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى قىرغىزىستاننىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ئالىي كېڭەش سايلىمىغا ئۆز نامزاتلىرىنى كۆرسەتكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2020-09-28
Share
Parhat-Tulendybayev-yezilardiki-balilar-bilen.jpg قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 4-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى نۆۋەتلىك ئالىي كېڭەش سايلىمى ئۈچۈن 7-قېتىملىق ئالىي كېڭەش ئەزالىقىغا ئۇيغۇرلار كۆرسەتكەن نامزاتلارنىڭ بىرى پەرھات تۆلېندىبايېف ئەپەندى بالىلار بىلەن. 2020-يىلى سېنتەبىر، بىشكەك.
RFA/Féruze

قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى 4-ئۆكتەبىر كۈنى يېڭى نۆۋەتلىك ئالىي كېڭەش سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلاندى. بۇ قېتىملىق سايلامدا قىرغىزىستاننىڭ 7-قېتىملىق ئالىي كېڭەش ئەزالىرى سايلاپ چىقىلىدىكەن.

نۆۋەتتە قىرغىزىستاندا 60 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشىماقتا. ئۇلار بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئۆزگىرىشلىرىگە قىزىقماقتا.

ئۇنداقتا، بۇ قېتىملىق سايلام قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ بىز قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىملىق سايلامغا بولغان قاراشلىرىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئېلىشقا تىرىشتۇق.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك سايلام ئۈچۈن ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نامزاتلىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار پەرھات تۆلېندىبايېف، سابىرجان خەلىلوف ۋە سەيىدئەخمەت ئىسمائىلوۋلار ئىكەن.

بىز قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى ۋە سىياسەت پەنلىرىنىڭ ماگىستر نامزىتى رەھىمجان ھاپىزنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنى بويىچە ھەر بىر قىرغىزىستان پۇقراسى مىللەت تەۋەلىكىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سايلامغا قاتنىشىپ ئۆزى ئىختىيار قىلغان نامزاتلارغا بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بار، دەپ يېزىلغان. ئاساسىي قانۇندىكى بۇ ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى سايلامغا ئاكتىپ قاتناشماقچىكەن ۋە ئۆز ۋەكىلىنى سايلاپ چىقماقچىكەن. قىرغىزىستان كونستىتۇتسىيەسى، يەنى ئاساسىي قانۇنى بويىچە، ئالىي كېڭېش سايلىمىدا شەخسنى ئەمەس، بەلكى بىر پارتىيەگە ئاۋاز بېرىش كېرەك ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە بۇ سايلامدا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىككى ئۇيغۇر «بىرىمدىك» پارتىيەسىدە ئىكەن. ئۇلار پ. تۆلېندبايېف بىلەن س. ئىسمائىلوۋ ئىكەن. يەنە بىر نامزات س. خلىلوف «مېكېنىم قىرغىزىستان» پارتىيەسىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىكەن.

يۇقىرىدا ئاتالغان ئۈچ نامزاتتىن ئىككىسى بىرىنچى قېتىم كۆرسىتىلگەنلەر بولۇپ، پەرھات تۆلەندىبايېف ئىلگىرى ئىككى قېتىم دېپۇتاتلىققا سايلانغان، بۇ قېتىم ئۈچىنچى قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى ئىكەن.

«قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشى تەركىبىدە ئۇيغۇر دېپۇتاتلارنىڭ بولۇشى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتىدا قانداق ئىجابىي روللارنى ئوينايدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن «ۋوستوك» يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى زۇلپىيە غلاجىدىن خانىم، پەرھەت تۆلېندىبايېفنىڭ باشلىقىدا «ۋوستوك» يېزىسىنىڭ كوچىلىرىغا توك ئورنىتىلغانلىقى، يوللار رېمونت قىلىنغانلىقى، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى يامراپ كەتكەندە كېسەلخانىلارنىڭ ئېچىلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىگىلىنىشىچە، پەرخات تۆلېندىبايېفنىڭ تەشەببۇسكارلىقىدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرلاشقان قەشقەر-قىشلاق ۋە نوۋو-پوكروۋكا يېزىلاردىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىنىڭ ئېچىلىشى توغرىلىق قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ئىمزالىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن مائاش بېرىلىدىغان بولغان. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتەلەيدىغان ئوقۇتقۇچى مەنبەسىنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن بۇ مەسىلە ھازىرچە ھەل بولمىغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، 2015 يىلدىن باشلاپ قىرغىزىستاندا دېموكراتىك سايلام تەرتىپلىرى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. شۇ يىلدىن باشلاپ قىرغىزىستاندىكى سايلاملاردا ئېلېكترونلۇق بېلەت تاشلاش يولغا قويۇلغان.

شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، قىرغىزىستاندىكى ئومۇمىي نوپۇسى 60 مىڭ دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى بۇ قېتىملىق سايلامغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەييارلانماقتىكەن. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا تارقالغان. بۇرۇندىن قىرغىزىستاندا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن باشقا، ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى 1950-1960-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كەلگەنلەر ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆزلىرىنى قىرغىزىستاننىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق پۇقرالىرى دەپ قارايدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت