كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قىرغىزىستان خىتايدىن قەرزنى قايتۇرۇش قەرەلىنى ئۇزارتىشنى سورىغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.04.22
qirghizistan-xitay-shi-jinping.jpg خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. 2019-يىلى 13-ئىيۇن، بىشكەك.
AFP

يېقىندىن بۇيان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بولۇپمۇ كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارقىلىش سەۋەبىدىن قىرغىزىستان ئىقتىسادىنىڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

«ئازادلىق» رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان باقىت ئاسانوفنىڭ «قىرغىزىستان خىتايدىن قەرزلەرنى كېيىنگە قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى. بېيجىڭ نېمە دەپ جاۋاب بېرىدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سوئورونباي جېيېنبېكوف بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەتلەشكەن. قىرغىزىستان رەھبىرى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن مەملىكەتنىڭ خىتاي ئالدىدىكى قەرزىنى قايتۇرۇشنى يېنىكلىتىشنى ۋە قەرەلىنى ئۇزارتىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرغانلىقى ھازىرغىچە نامەلۇمكەن. سوئورونباي جېيېنبېكوف پارلامېنت مەجلىسىدە سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە چوڭ ياردەم كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى، ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، ئەرەب ئەللىرى فوندى قاتارلىق بىر قانچىلىغان خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭمۇ، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭمۇ قىرغىزىستاننى قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. كېيىنكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قىرغىزىستاننىڭ تاشقى قەرزى 3.7 مىليارد دوللارنى، شۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ئالدىدىكى قەرزى 1.7 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلىدىكەن.

«ھاققىن ئەزەربەيجان» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن زاخرا نوۋرۇزوۋانىڭ «قىرغىزىستان غەرق بولماقتا ۋە ياردەم سورىماقتا» ناملىق ماقالىسىدە قىرغىزىستاننىڭ بۈگۈنكى كۈندە كورونا ۋىرۇسىدىن ئېغىر ئىقتىسادىي چىقىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. ماقالىدا دېيىلىشىچە، ھۆكۈمەت خالتىسىدا پۇل يوق بولۇپ، پەقەت قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا مالىيە تەشكىلاتلىرىغا ئۈمىد قىلىۋاتماقتىكەن. بولۇپمۇ دۆلەت چېگراسىنىڭ يېپىلىشى ھەمدە بىشكەك شەھىرى ۋە ئەلنىڭ جەنۇبىدا پەۋقۇلئاددە ھالەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىجارەتكە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. بۈگۈنگە قەدەر ئەلدە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 554 كە يەتكەن بولۇپ، 5 ئادەم ۋاپات بولغان، 133 ئادەم ساقىيىپ چىققان. مەملىكەتنىڭ باش مىنىستىرى ئابىلغازىيېف ئەلنىڭ ئىقتىسادىنى نورماللاشتۇرۇش مەقسىتىدە بىر قانچە چارىلەرنىڭ تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، مەبلەغنىڭ بولۇپمۇ كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىجارەتنى قوللاشقا سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت خەلقئارا پۇل فوندى قىرغىزىستانغا 242 مىليون دوللار ياردەم بەرمەكچىكەن. ماقالىدا شۇنداقلا قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن خىتايغا قارشى نامايىشلارنىڭ نەتىجىسىدە بىر قاتار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۆز ئىشىنى توختاتقانلىقى، شۇنداقلا تۈركىيەدە، رۇسىيەدە ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە ئىشلەۋاتقان قىرغىزىستان پۇقرالىرىنىڭ ئەلگە يېنىپ كېلىشى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىغا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

سىياسەتشۇناس ئادىل تۇردۇقۇلوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، قىرغىزىستاننىڭ بۈگۈنكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇنىڭ تاشقى قەرزى 4 مىليارد دوللارغا يېقىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپتىن بۇ يىلى قايتۇرۇلىدىغان قەرزنىڭ قەرەلىنى يەنە ئۇزارتىش بويىچە ئىلتىماس قىلغان ئىدى. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا ماقۇل بولامدۇ يە يوقمۇ، ئەمما مېنىڭ پىكرىمچە، بۈگۈنكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ھېسابقا ئالساق، خىتاي بۇنىڭ كېلىشىشى كېرەك. بۇ قەرزنى تۆلىمەسلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قەرەلىنى سوزۇش دېگەن سۆز. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەلدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋال ياخشى ئەمەس. بىزنىڭ پۈتكۈل ئىقتىسادىمىز پۇللارنى بىرىنچى يەردىن ئىككىنچى يەرگە كۆچۈرۈش بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇنىڭ بارلىقى توختاپ قالدى. يەنە بىر ئەھۋال، بىزدە كۆپلىگەن ساھەلەر يېپىلىپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ھەتتا ياشاشقىمۇ پۇلى قالمىدى. قىرغىزىستان خىتاي، رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئۈچۈن كىرىپ-چىقىش بازىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بارلىقىمۇ توختىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئاھالە ئۈچۈن قىلغان بىر يېنىكچىلىكى ئالغان قەرزلەرنى قايتۇرۇش قەرەلىنى ئۈچ ئايغا سوزدى. ئەمما ھۆكۈمەت شەخسىي بانكىلارغا بۇ مەسىلىدە بۇيرۇق قىلالمايدۇ».

سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قەرز مەسىلىسىدە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى يىلدىن-يىلغا خىتاينىڭ قاتتىق تەسىرى ئاستىغا كىرىپ كېتىۋاتماقتىكەن. ئۇ يەنە بولۇپمۇ قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە تاجىكىستان رەھبەرلىرىنىڭ خىتايدىن قەرز ئېلىشقا كەلگەندە ياخشى ئويلىشىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «كورونا ۋىرۇس كېسىلىدىن بىرىنچى نۆۋەتتە ئىقتىسادى ناچار دۆلەتلەر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. مەسىلەن، بۇنى قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ يۈزىدە كۆرۈۋاتىمىز. ئۆزبېكىستاندىمۇ بولۇۋاتىدۇ، بىراق ئانچە ئەمەس. مەن ئويلايمەنكى، قەرز ئالماسلىق ئۈچۈن كېلەچەكتە ھەر بىر دۆلەت پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، بەلنى چىڭ باغلاش كېرەك. كېلەچەكتە كىم تۆلەيدۇ، شۇنى ئويلاش كېرەك. ئۈچىنچىسى، ھۆكۈمەت چىڭ تۇرۇپ، قېچىپ كەتكەن پرېزىدېنتلارنىڭ بانكىلاردىكى ھېساب-چوتلىرىنى توختىتىپ، پۇللىرىنى قايتۇرغان بولسا، خېلى يېنىكچىلىك بولاتتى.»

رەھىم ھاپىزوف خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيا، ئافرىقا ۋە باشقىمۇ دۆلەتلەرنى قەرز بىلەن ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالغانلىقىنى، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن دۇنيا يۈزىگە تارىغان كورونا ۋىرۇسى پاجىئەسىدىن باشقا خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ زەرداب چېكىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان خەلقلىرى قاتارىدا ئاساسلىقى چوڭ-كىچىك تىجارەت ۋە دېھقانچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان. ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ زور قىيىنچىلىقلار كەلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، 2018-يىلقى مەلۇماتلار بويىچە، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 55 مىڭ بولۇپ، ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى لېبېدىنوۋكا، نوۋوپوكروۋكا دېگەن رايونلاردا، شۇنداقلا جالال-ئاباد، ئوش، باتكېن ۋىلايەتلىرىدە ئولتۇراقلاشقانىكەن. 1989-يىلدىن بۇيان بىشكەك شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى ئىشلەپ كەلمەكتە. شەھەردە شۇنداقلا «ئىتتىپاق» گېزىتى نەشر قىلىنىپ، ئۇ قىرغىزىستاندىن تاشقىرى يەنە قوشنا قازاقىستاندىمۇ تارقىتىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.