ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما شەنبە كۈنى سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ئىشسىزلىق نىسبىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ،500 مىڭ كىشىلىك ئىش ئورنى كۆپەيتىلگەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەقسىتىنىڭ بۇ ساننى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-02-17
2010 - يىلىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبى بىلەن بېلارۇسىيىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىۋاتقان سابىق قىرغىز پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف ئۈستىدىن ئېچىلغان بۇ سوتتا گەرچە باقىيېف ئۆزى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدىن دۆلەت رەھبىرىلىك مەنسىپىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، مەملىكەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى ئارتىلغان.
2013-02-17
سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چوڭجۇ شەھەرلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى 17 - فېۋرال كۈنى ئۆزىنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلۈۋالغان. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرىشىچە، خې جيەنگۇ ئىسىملىك مەزكۇر ئەمەلدار چوڭجۇ شەھەرلىك تەپتىش ئىدارىسىنىڭ بىناسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان.
2013-02-16
ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى - FaceBook جۈمە كۈنى خىتاي مەنبەلىك توربۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقنى بىلدۈردى.
2013-02-16
خىتاي ئاخباراتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا چاغان خاتىرىلەش جەريانىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرۈلگەن ئوت ئاپىتىدە 36 ئادەم ئۆلگەن.
2013-02-16
جۈمە كۈنى كەچتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىر قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، ئامېرىكىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كورىيىگە قارىتىلغان چەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى.
2013-02-15
شىمالىي كورىيە خىتايغا بۇ يىل ئىچىدە يەنە بىر ياكى ئىككى قېتىم يادرو سىنىقى قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئامېرىكىنى شىمالىي كورىيە بىلەن دىپلوماتىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلىشى مۇمكىن.
2013-02-15
خىتاي توربۇزارلىرى گېرمانىيىنى مەركەز قىلغان د ئۇ ق تورىغا قارىتىلغان ھۇجۇمى يېقىندىن بۇيان يەنە كۈچەيگەن. «كاسپارېسكىي»، «ئەلىيان ۋائۇلت» قاتارلىق تور بىخەتەرلىك شىركەتلىرى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتايدىن كەلگەن ۋە د ئۇ ق نى نىشان قىلغان تور ھۇجۇمىنىڭ يەنە يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-02-15
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىتسونۇرى ئونودېرا، ياپونىيىنىڭ كەلگۈسىدە مەۋجۇت تەھدىتكە قارشى ئالدىن قول سېلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈردى.
2013-02-15
خىتاي يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ بىر تەتقىقات ئورنى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق يىللىق ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئېشىپ بېرىۋاتقان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنى قالايمىقان مەبلەغ سالماسلىق، شەھەرلىشىشنى باھانە قىلىپ، ئاشۇرۇپ مەبلەغ سالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
2013-02-15
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى يەنە تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىگە پىكىر بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزنىڭ پىكرىنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشتىن باشقا يوللار ئارقىلىق ئىپادىلەشكە چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خىتاينى چارە تەدبىر قوللىنىپ، تىبەتلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىنى ھەل قىلىشقا ئۈندىدى.
2013-02-14
12-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «خەتەر ئاستىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تورى» تەشكىلاتىنىڭ تور بېكىتىدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ،2-فېۋرال كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ تەتقىق قىلىش سەپىرىدىن توسۇپ قېلىنىش ۋەقەسىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
2013-02-14
مەركىزى نيۇيوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى 14-فېۋرال ئېلان قىلغان 2012-يىللىق دوكلاتىدا، خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ بارغانچە ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-02-14
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تىبەت بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 13-فېۋرال چارشەنبە كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسى جەنۇبىي گەنسۇ تىبەت ئوبلاستىغا قاراشلىق ئاچوك يېزىسىدىكى درۇكپا كخار ئىسىملىك 26 ياشلىق بىر تىبەت ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان.