خىتاي مەتبۇئاتى 18 - قۇرۇلتاينىڭ بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاينىڭ« خەلق گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.05.13

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۇ ئارقىلىق 18 - قۇرۇلتاينىڭبۇ يىل كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى رەت قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى رويتېرس ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئىشەنچىلىك مەنبەلەر ئاساسىدا 18 - قۇرۇلتاينىڭ 9 - ياكى 10 - ئايدا ئېچىلماقچى بولغان ۋاقىتىنىڭ بۇ يىل 11 - ئايغا، ياكى كېلەر يىلى 1 - ئايغا قالدۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ 18 - قۇرۇلتىيى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قۇرۇلتايدا خىتاينىڭ ئالى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئالمىشىدىغانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ رەئىس بولىدىغانلىقى ۋە باشقا تەھلىللەر داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا، سىياسىي بيىئۇرو ئەزاسى بو شىلەي ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەم زىددىيەتلەر تېخىمۇ زور غۇلغۇلىلارنى ياراتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.