خىتاينىڭ 19 نەپەر كېمە خادىمى يەنە سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلدى

بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ 19 نەپەر كېمە خادىمى سىنگاپورنىڭ Golden Blessing ناملىق پاراخوتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ھىندىستانغا قاراپ سەپەر قىلىۋاتقاندا، پاراخوت ئادان دېڭىز قولتۇقى ئەتراپىدا سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.06.29

ئوخشاش ۋەقە ئۆتكەن يىلىمۇ بىر قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ قېتىمدا خىتاي تەرەپ پۇقرالىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دېڭىز ئارمىيىسىدىن تەشكىللەنگەن قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتكەن ؛ ئەمما مەزكۇر ئەترەت ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمىغان. ئاخىرى خىتاي تەرەپ سومالىغا مەخسۇس گۇرۇپپا ئەۋەتىپ، دېڭىز قاراقچىلىرى بىلەن سودىلىشىش ئارقىلىق پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇپ قالغان.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، بۇ قېتىمقى ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ بىراق بۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قايسى يولنى سىنايدىغانلىقى ھەققىدە گەپ قىلمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.