خىتاي، 2009 - يىلىدا خىتاي ئىقتىسادى ئىگىلىكىنىڭ ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي 2009 - يىللىق چاغان بايرىمىنى ھەر خىل مۇراسىملار بىلەن كۈتۈۋالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ مالىيە مىنىستىرى شىيې شۈرېن چاغانلىق باياناتىدا بۇ يىلىدا خىتاي ئىقتىسادى ئىگىلىكىنىڭ ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-01-26
Share

شىيې شۈرېن خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2009 - يىلىدا خىتاي ئىقتىسادى ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جىددىي ئىچكى ۋە تاشقى كرىزىسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە: " ئىقتىسادى تەرەققىياتتىكى تېزلىك ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ قېلىشتا يولۇقىدىغان قىيىنچىلىق ئاشىدۇ" دېدى ھەمدە ئىقتىسادى كىرىم بىلەن چىقىم ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دەرۋەقە دۇنيا ئىقتىسادى بازىرىدىكى ئېگىز ‏ - پەسلىك ئاساسەن ئېكسپورتقا تايىنىپ گۈللەنگەن خىتاي ئىگىلىكىگە جىددىي تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، خىتاي ئېكسپورت ماللىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ ئېچىۋېتىلگەن رايونلىرىدىكى نۇرغۇن زاۋۇتلار تارقىلىشقا ھەمدە جىددىي ئادەم قىسقارتىشقا دۇچ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا پەقەت ئاققۇن ئىشچىلاردىنلا 130 مىليونى بار بولۇپ، خىتايدا زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىشى ۋە ياكى خادىم قىسقارتىش ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ 6 مىليونغا يېقىن ئاققۇن ئىشچىلار ئىشتىن بوشىتىلىپ ئۆيىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت