ئامېرىكا خەلقى مۇستەقىللىق بايرىمى ئۆتكۈزدى

7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمى كۈنىدۇر. ھەر يىلى 4 - ئىيۇل، پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن داغدۇغىلىق تەبرىكلىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.07.04


بۈگۈن، يەنى 4 - ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا خەلقى ئۆزىنىڭ 234 - قېتىملىق مۇستەقىللىقى بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. مىليونلىغان ئامېرىكىلىق بايرام شاتلىقىغا چۆمۈپ، ھەر خىل كۆڭۈش ئېچىش، دالا سەيلىسى، پارات ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت مەجلىسى بىناسى ئالدىدىن ۋاشىنگتون مۇنارىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەنزىرىلىك جايلار ۋە چۆپلۈكلەر بايرام كەيپىياتى ئەڭ ئەۋجى ئالىدىغان جاي بولۇپ، بۇ يەرگە توپلانغان سانسىزلىغان ئادەملەر كەچلىك سالىيوتتىن ھوزۇرلىنىدۇ.
 
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى 1776 - يىلى مۇستەقىل بولغان بولۇپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىدىكى 13 شىتات تۇنجى قېتىم بىرلىكتە مۇستەقىللىق جاكارلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.