ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى: 'خىتاي ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ'
گرىشمان، خىتاينىڭ قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، 200 مىڭ ئۇيغۇرنى كۆچۈرمەكچى ۋە بۇنىڭ ئورنىغا خىتاي نوپۇسىنى يەرلەشتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، "ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىشتۇر" دەپ كۆرسەتتى.
پەيشەنبە كۈنكى يىغىننى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر دېموكراتىيە-كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناس درۇ گلادنېي پىكىر بىلدۈرۈپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر -خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بۇرۇنقى ھالغا كېلىشى تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي پائالىيەتچىلىرىدىن "جۇڭگو پۇقرالار ھەرىكىتى" رەھبىرى ياڭ جيەنلى ئۇيغۇرلارنى خىتاي خەلقى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تام لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى خانس خوگرېفې سۆز قىلىپ، دۆلەت مەجلىسى پات يېقىندا خىتاينىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىكى ھەرىكىتىنى ئەيىبلەيدىغان بىر قارار لايىھىسى چىقىرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.