ئامېرىكا ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتلىرى يادرو قوراللىرى كېلىشىمى مەسىلىسىدە دوستانە سۆزلەشتى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى دىمېترى مېدۋېدېۋ تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە "ھۇجۇم خاراكتېرلىق ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى قىسقارتىش ۋە چەكلەش كېلىشىمى"نىڭ ئورنىغا يېڭىدىن كېلىشىم تۈزۈش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010.03.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى پرېزىدېنت يېقىن ۋاقىت ئىچىدە كېلىشىم تۈزۈشكە قوشۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون كەلگۈسى ھەپتىدە موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بىلەن يېڭى تۈزۈلىدىغان كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە سۆزلىشىدۇ.

"ھۇجۇم خاراكتېرلىق ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى قىسقارتىش ۋە چەكلەش كېلىشىمى" 1991 - يىلى تۈزۈلۈپ، 1994 - يىلى كۈچكە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ۋاقتى 2009 - يىلى دېكابىردا توشۇشى كېرەك ئىدى.

بىر يىلدىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا تەرەپ مەزكۇر كېلىشىم ھەققىدە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ۋاقتى توشقان بۇ كېلىشىمنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن بىر كېلىشىم تۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھۇجۇم خاراكتېرلىق ئىستراتېگىيىلىك قوراللىرىنى قىسقارتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۈتۈشۈلگەن. مەزكۇر نۇقتىمۇ ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت