تيەنئەنمېن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن 'تيەنئەنمېن ئانىلىرى' بايانات ئېلان قىلدى
ب ب س' نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئۇلار باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ۋە كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەلەپلىرىنى ئورۇندىمىغىچە بۇ ئىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تيەنئەنمېن ئانىلىرى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق - ئاشكارا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ پەيشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ " خىتاي ھۆكۈمىتى سىز تىلغا ئالغان بۇ سىياسىي قالايمىقانچىلىق ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاللىقاچان مەيدانىنى بەلگىلەپ بولغان" دېگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.