خىتاينىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنى تەجرىبە قورالى قىلىپ قوللانغانلىقى تەنقىد قىلىندى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكا «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا پەيشەنبە كۈنى تەنقىد ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىراجەت بىلەن تەمىنلىگەن بەزى تېببىي تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىملىك يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنى تەجرىبە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.08.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۇ يىل 4‏-ئاينىڭ 13‏-كۈنى مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان تېببىي تەتقىقات دوكلاتى، بېيجىڭغا جايلاشقان ئىككى يىغىۋېلىش ئورنىدىكى 66 نەپەر زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىگە ئاساسەن ھازىرلانغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سالامەتلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى جوۋ ئامون خىتاي دانىلىرىنى تەنقىدلەپ، بۇ ئىككى يىغىۋېلىش ئورنىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ نورمال تەرتىپكە ئاساسەن يىغىۋېلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئەسكەرتىپ، يىغىۋېلىش ئورنىدىكى بۇ كىشىلەرنىڭ يېپىق ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى، بۇ ئورۇنلاردىكى كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جوۋ ئامون، «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەنقىد ماقالىسىدە يەنە، بۇ ئورۇندىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئۈز ئىختىيارلىقى بىلەن ياكى مەجبۇرى تەجرىبە قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر تەتقىقات تۈرىگە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 11 نەپەر تەتقىقاتچىسى ۋە ئامېرىكا تەرەپتىن ئىككى نەپەر مۇتەخەسسىس قاتناشقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت