ئائاۋغانىستان پرېزىدېنتى خامىت كارزاي ئامېرىكىنىڭ يېڭى ستراتېگىيىىسنى مەدىھىيلىدى

بۈگۈن ئاۋغانىستان پرېزىدېنتى خامىت كارزاي ئامېرىكىنىڭ يېڭى ستراتېگىيىىسنى 'بىز كۈتكەندىنمۇ ياخشى پىلان ئىكەن' دەپ مەدىھىيلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-03-28
Share

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كابۇلدىن بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما ئاۋغانسىتان قوراللىق قىسىملىرىنى يېتىشتۈرۈش، رايون خاراكتىرلىق دېپلوماتىيىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەل - قائىدىچىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ باشقا رادىكال تەشكىلاتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت تورىنى مەغلۇپ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 'تېررورىزىمغا قاشى ئۇرۇش' نىڭ ستراتېگىيىلىك يېڭى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاۋغانىستانغا ئالدى 4 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ماڭغۇزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ب بس نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا قوماندالىق شىتابىنىڭ باشلىقى گېنىرال پتىراۋسكى بۈگۈن يەنە، پاكىستاننىڭ ئۈچ خىل ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىىسى بىلەن تالىبانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە دائىر ئۇچۇرلارنى، ھەتتا بىر قىسىم رادىكال تەشكىلاتلارنى بۇ ئورگان ئۆزى قۇرغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت