ئافغانىستان، ب د ت نىڭ قەندىھاردىن چېكىنىپ چىقماسلىقىنى تەلەپ قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.04.28
2010.04.28
ئافغانىستان بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر قەندىھاردا تالىبانلارنىڭ ناتوغا قارشى ھەرىكەتلىرى جىددىيلىشپ قالدى. تۈنۈگۈن قەندىھاردا يۈز بەرگەن بىر پارتلاشتىلا 3 ئادەم ئۆلۈپ، 30 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
مەركىزى ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى سۇسەن مانىۋۇل 'ناتو يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە قەندىھاردا بولىدىغان بىر جىددىي ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ. بۇ، ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش دەپ تەسۋىرلەنمەكتە. ھازىر قەندىھاردا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ كەتتى، بىز خىزمەتچىلىرىلىرىمىزنى بۇ جايدىن چېكىندۈرمىسىەك بولمىدى، بۇ بىر ۋاقىتلىق چارە' دەپ جاكارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.