ئافغانىستان بىلەن پاكىستان رەھبەرلىرى ئەنقەرەدە ئۇچراشتى

ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە گوللاندىيىنىڭ گاگا شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىندىن كېيىنلا، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۇلنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىت كارزاي بىلەن پاكىستان پرېزۇدېنتى ئاسىپ ئەلى زاردارى بۈگۈن ئەنقەرەدە ئۇچراشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-04-01
Share

بۇ، ئافغانىستان بىلەن پاكىستان رەھبەرلىرىنىڭ 2007‏ - يىلىدىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
 
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەنقەرەدىن بايان قىلىشىچە، ئافغانىستان بىلەن پاكىستان رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتى، بۇ ئىككى دۆلەتكە چېگرىداش رايونلاردىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە مەركەزلەشتى.

س ن ن نىڭ ئىستانبۇلدىن خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە، گەرچە بۇ قېتىم ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىش توغرىسىدا ناتونىڭ ياكى ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا يىللاردىن بۇيان ئافغانىستاندا تىنچلىق ساقلاشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان شىمالى ئاتلانيتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ ئەزاسى.

ئابدۇللا گۇلنىڭ قارىشىچە، بۇيىل ئافغانىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى بولىدۇ، تىنچلىق بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما پاكىستان تېخىچە ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن پاسسىپ رول ئويناۋاتىدۇ.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت