ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 20 دىن ئارتۇق مىلىتانت ۋە ئىككى ئافغان ئەسكىرى ئۆلگەن

ئافغانىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىدا ئافغان مىللىي ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 20 دىن ئارتۇق مىلىتانت ۋە ئىككى ئافغان ئەسكىرى ئۆلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ
2008.11.01

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرى ئافغان مىللىي ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئافغانىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 70 مىڭ ئەتراپىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرى، تالىبانلارنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئافغانىستاندا تىنچلىقنى قايتىدىن تىكلەشتە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. شۇڭا ئىراقتىكى بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستانغا يۆتكەشكە باشلىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتكەن دۆلەتلەردىن، ھەربىي قىسىملىرىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلماقتا.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر، يېقىندا ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي قىسىملىرىنى باش قوماندانى گېنرال دېۋد پېتروس، ئىراقتىكى تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئافغانىستاندىكى مەۋجۇت ئۆزگەرتىشى مۇمكىن دېيىشمەكتە.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، گېنرال دېۋد پېتروس پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر قاتتىق زەربىلەرگە ئۇچراپ ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر ئىلگىرىلەش مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.