يۈزلىگەن ئافرىقىلىق قارا تەنلىكلەر بۈگۈن گۇاڭجۇدا ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى گۇاڭجۇدا ئافرىقىلىق قارىلارنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتۈرگەندە، خىتاي ساقچىلىرى ئافرىقىلىق قارىلاردىن بىر كىشىنى قوغلاپ تۇتۇپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-07-15
Share

بۇ ۋەقەگە غەزەپلەنگەن ئافرىقىلىق قارىلاردىن 100 دىن ئارتۇق ئادەم بۈگۈن چۈشتىن كېيىن گۇاڭجۇدا توپلىنىپ، كۇاڭچۇەن كۇچىسىدىكى ساقچى پونكىتىغا كېلىپ، ۋەقەنى قانۇن بۇيىچە چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

بىر قولىدا قالقان، بىر قولىدا تۆمۈر كالتەك تۇتقان خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئافرىقىلىق قارىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش كەچ سائەت 8 گىچە داۋام قىلغان.

تۇقۇنۇشتا يەنە ئادەم ئۆلگەن، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تېخىچە ئاشكارىلىمىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت