خىتاي دائىرىلىرى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينىڭ باج تۆلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

شىنخۇا ئاخباراتى بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە نۆۋەتتە ئەي ۋېيۋېي ئىگىدارچىلىقىدىكى بېيجىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات شىركىتى يىللاردىن بېرى تۆلىمىگەن باجنىڭ «ئىنتايىن زور مىقداردا» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، بۇ شىركەتنىڭ ھېسابات خاتىرىسىنى قەستەن كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكى، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى نامەلۇم رازۋېدچىكلارنىڭ ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما خەۋەردە، تۆلەنمىگەن باج مىقدارى ۋە تەكشۈرۈشنى قايسى رازۋېدچىكلارنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

ئەي ۋېيۋېينىڭ ئايالى لۇ چىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات شىركىتى ئەي ۋېيۋېينىڭ سەنئەت بۇيۇملىرىنى سېتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، شىركەت لۇ چىڭنىڭ نامىدا تىزىمغا ئېلىنغان ئىكەن.

ئەي ۋېيۋېي خىتاينىڭ بىر پارتىيىلىك تۈزۈمىگە قارشى پىكىر بايان قىلغان ئوچۇق پىكىرلىك سەنئەتكارلاردىن بىرى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن 6 ھەپتىدىن بۇيان سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينى تۈرمىگە قامىغان ئىدى.