ئاكمەل شەيخنىڭ ئائىلىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 'ئادالىتى'نى شىددەتلىك تەنقىد قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسى بېرىپ سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىجىرا قىلغان ھىندى قان سېستىمىسىدىكى ئەنگىلىيىلىك ئاكمەل شەيخنىڭ ئائىلىسى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر دىلونى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى تەكەببۇرلۇقى ۋە يوغانچىلىقىنى شىددەتلىك تەنقىد قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.12.31

باياناتتا، ئاكمەلنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىكى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭدا روھى كېسەللىك بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاكمەل شەيخنىڭ ئۆلۈم جازاسى سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىجرا قىلىنىپ، ئۇنىڭ جەسىتى شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان ئىدى. ئۆلۈم جازاسى ئىجىرا قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئىككى نەۋرە تۇققىنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىپ، ئاكمەلنى ئاخىرقى قېتىم زىيارەت قىلغان. ئاكمەلنىڭ ئۈرۈمچىگە بارغان نەۋرە تۇققانلىرىدىن ناسىر شەيخنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 2007 ‏- يىلدىن بېرى خىتاي دائىرىلىرىدىن ئاكمەلنىڭ روھى كېسەللىك ئەھۋالىغا قايتا دىئاگنوز قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا قايتا دىئاگنوز قويۇشنى رەت قىلغان.

ئاكمەلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، خىتاي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دىلونى خۇددى ئېلىكتىر كۇنۇپكىسىنى باشقۇرغانغا ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، سوتچىلارنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رولىنى ئوينىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ناسىر شەيخ، ئاكمەلگە ئۆلۈم جازاسىنىڭ قارارلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۆزلىرىگە ئۇقتۇرغانلىقىنى، خىتاي ئۆلۈم جازاسىنىڭ قارارلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاكمەلگە ئۇقتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئاكمەل بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسى قارارلاشتۇرۇلغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، بۇ شەيخ ئائىلىسىدىكىلەرگە ناھايىتى ئېغىر كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ دىلوغا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئارىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋېن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لېۋىسنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىغا پىسەنت قىلمىغان ئىدى. ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لېۋىس، ئاكمەلنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى" كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ ئاساسىي پرىنسىپىغا خىلاپ" دەپ تەنقىد قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.