بىراق بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالجىرىيە ئامانلىق كۈچلىرى يەكشەنبە كۈنى يەنە 20 نەچچە كىشىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. ئالجىرىيە باش مىنىستىرى ئابدېلمالىك سېللال دۈشەنبە كۈنى ۋەقەدە 8 دۆلەتتىن 37 نەپەر چەتئەللىكنىڭ ئۆلگەنلىكى، قوراللىق ئەسەبىيلەردىن 29 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 3 كىشىنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئەل-قائىدە بىلەن مۇناسىۋەتلىك 32 كىشىلىك بىر قوراللىق گۇرۇھ ئالجىرىيىنىڭ ئائىن-ئامېناس تەبىئىي گاز بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردىكى بارلىق ئىشچىلارنى گۆرۈگە ئالغان. ئالجىرىيە ئامانلىق كۈچلىرى ئۆتكەن شەنبە كۈنى گۆرۈگە تۇتۇلغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى.
ئۆلگەن چەتئەللىكلەردىن بىر فرانسىيىلىك، بىر ئامېرىكىلىق، ئىككى رۇمىنىيىلىك، ئۈچ ئەنگلىيىلىك، سەككىز فىلىپپىنلىق ۋە يەتتە نەپەر ياپونىيىلىكنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغان.
ئالجىرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامانلىق كۈچلىرى 685 نەپەر ئالجىرىيىلىك، 107 نەپەر چەتئەللىكنى گۆرۈدىن قۇتۇلدۇرغان. لېكىن گۆرۈگە تۇتۇلغان يەنە بىر تۈركۈم چەتئەللىكلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئېنىق ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.