ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئېلىنا رۇس لېتىنانت خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى رەئىسى ئېلىنا رۇس لېتىنانت خانىم، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا رەھبەرلىرىنى يوقلىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، تۈرمىدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-01-21
Share

خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا رەھبەرلىرىنى يوقلاپ، خاررىي رېيىد، جون كەررىي، مىشېل مىككونېل قاتارلىق دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا رەھبەرلىرى ۋە شۇنداقلا جون بونېر، ئېلىنا رۇس لېتىنانت، نەنسى پەلۇسى قاتارلىق جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتىك ئاۋام پالاتا رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

ئېلىنا رۇس لېتىنانت خانىمنىڭ ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، ئۇ خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونى ۋە ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گاۋ جىشىڭ قاتارلىق تۈرمىدىكى ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى، يەر ئاستى خرىستىئان مۇخلىسلىرىنى ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى جازالاشقا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن، ئېلىنا روسلېتىنانت خانىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن خۇ جىنتاۋ لېتىنانت خانىم ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەردىن پەقەت خىتايدا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بالىسى مەجبۇرىي چۈشۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا دائىر بىرلا مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ، "خىتايدا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بالىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس" دېگەن.

ئېلىنا رۇس لېتىنانت خانىم، خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئاخبارات ساھەسىگە مەلۇمات بېرىپ، "ئۇنىڭ بۇنداق سىياسەت مەۋجۇت ئەمەس، دەپ چىڭ تۇرۇۋېلىشى مېنى ھەيران قالدۇردى" دەپ كۆرسەتتى. خۇ جىنتاۋ جۈمە كۈنى ئامېرىكا سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى چىكاگونى زىيارەت قىلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت