كۆپىنچە خىتاي پۇقراسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، راي سىناشقا قاتناشقان كۆپىنچە خىتاي پۇقراسى ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-01-17
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ راي سىناش نەتىجىسى "خىتاي كۈندىلىك گېزىتى" دە دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان.

راي سىناشقا قاتناشقان 53 پىرسەنت ئادەم ئۆتكەن بىر يىلدا ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، 83 پىرسەنت ئادەم بۇ خىل "ناچارلىشىشىنى ئامېرىكا كەلتۈرۈپ چىقارغان" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئامېرىكا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 6 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىلغار قورال سېتىپ بېرىشنى قارار قىلىشى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلىشىدىن كېيىن يىرىكلەشكەن ئىدى.

بۇ خىل يىرىكلىشىش ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى سېرىق دېڭىزدا جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئىككى قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغاندىن كېيىن تېخىمۇ يامانلاشقان.
"ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى" دە كۆرسىتىشىچە، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىدىن كېيىنمۇ ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىر دىنلا ياخشى بولۇپ كېتەلمەيدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت